Chinese→Uyghurئاساسىي لۇغەت
苏德瓦不侵犯条约
دۇنيا تارىخى
سوۋېت - گېرمانىيە ئۆزئارا تاجاۋۇز قىلىشماسلىق شەرتنامىسى
1939-يىلى 8-ئاينىڭ 23-كۈنى سوۋېت ئىتتىپاقى بىلەن گېرمانىيە موسكۋادا ئىمزالىغان شەرتنامە. بۇنىڭ ئاساسىي مەزمۇنى: شەرتلەشكەن ئىككى تەرەپ ئۆزئارا قورال كۈچى ئىشلەتمەسلىك؛ شەرتلەشكەن دۆلەتكە قارشى باشقا تەرەپ دۆلەتلەر گۇرۇھىغا بىۋاسىتە ياكى ۋاىستلىك قاتناشماسلىق؛ ئۆزئارا ئالاقىدار مەسىلىلەر ئۈستىدە يېقىندىن ئۇچرىشىپ، ئاخبارات ئالماشتۇرۇپ تۇرۇش؛ ئۆزئارا بارلىق تالاش - تارتىشلارنى تىنچلىق بىلەن ھەل قىلىشتىن ئىبارەت. شەرتنامىنىڭ كۈچكە ئىگە مۇددىتى ئون يىل بولغان بىرا، شەرتنامە ئىمزالىنىپ ئىككى يىل ئۆتمەي، 1941-يىلى 6-ئايدا فاشىستلار گېرمانىيىسى سوۋېت ئىتتىپاقىغا تاجاۋۇزچىلىق ئۇرۇشى قوزغىغان.