Chinese→Uyghurئاساسىي لۇغەت
苏布希
دۇنيا تارىخى
سۈبھى
(1882 - 1921) تۈركىيە كومپارتىيىسىنى قۇرغۇچى ۋە ئۇنىڭغا رەھبەرلىك قىلغۇچىلارنىڭ بىرى. دەسلەپ فرانسىيەدە ئوقۇغان، 1908 - يىلى ۋەتەنگە قايتىپ كېلىپ، تەھرىر ۋە مۇئەللىملىك قىلغان. 1910 - يىلى تۈركىيە سوتسىيالىستلار پارتىيىسىگە قاتناشقان. 1913 - يىلى تۇتقۇن قىلىنىپ سۈرگۈن قىلىنغان، ئىككىنچى يىلى روسىيەگە قېچىپ كەتكەن. 1915 - يىلى روسىيە سوتسىيال دېموكراتىك ئىشچىلار پارتىيىسى (بولشېۋىكلار)غا قاتناشقان. 1919 - يىلى كوممۇنىستىك ئىنتېرناتسىئونالىنىڭ بىرىنچى قۇرۇلتىيىغا قاتناشقان. 1920 - يىلى تۈركىيە كومپارتىيىسىنى تەشكىللىگەن ھەمدە پارتىيە مەركىزىي كومىتىتىنڭ رەئىسى بولۇپ سايلانغان. 1921 - يىلى 1 - ئايدا سوۋېت روسىيىسىگە قىلغان سەپىرىدە ژاندارمىلار تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلگەن.