Uyghur←Chineseئاساسىي لۇغەت
ستۇئارت سۇلالىسى
دائىرە: دۇنيا تارىخى斯图亚特王朝
sī tú yà tè wáng cháo
شوتلاندىيىدىكى ستۇئارت جەمەتىنىڭ شوتلاندىيەدە (1371 -يىلدىن باشلاپ) ۋە ئەنگىلىيىدە (1603 - 1649، 1660 - 1714) قۇرغان سۇلالىسى. 1603 - يىلى تۇدور سۇلالىسىنىڭ ئاخىرقى كورۇلىۋاسى ئېلزابىتا Ⅰ ئۆلگەندىن كېيىن تەخت ۋارىسى ئۈزۈلۈپ قېلىپ، شوتلاندىيە كورۇلى يامېس Ⅵ ئەنگىليەنىڭ كورۇللۇق تەختىگە ۋارىسلىق قىلىپ، يامېس Ⅰ دەپ ئاتالغان. سۇلالە ھۆكۈمرانلىرىنىڭ پۇرىتانلارغا زىيانكەشلىك قىلغانلىقى، مەخسۇس سېتىش ھوقۇقىنى يېقىن ئادەملىرىگە سېتىپ بەرگەنلىكى بۇرژۇئازىيە بىلەن يېڭى ئاقسۆڭەكلەرنىڭ كۈچلۈك نارازىلىقىنى قوزغىغان. ئاخىرى 1640 - يىلىدىكى بۇرژۇئازىيە ئىنقىلابى پارتلىغان. 1649 - يىلى چارلېس Ⅰ پارلامېنت تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلۈپ، سۇلالە يوقالغان. 1660 - يىلى چەت ئەلدە سەرگەردان بولۇپ يۈرگەن چارلېس Ⅰ نىڭ ئوغلى چارلېس Ⅱ ئەنگىلىيىگە قايتىپ كېلىپ، ستۇئارت سۇلالىسىنى تىرىلدۈرگەن. 1688 - يىلى بۇرژۇئازىيە بىلەن يېڭى ئاقسۆڭەكلەر سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغاپ، يامېس Ⅱ نى ئەمەلدىن قالدۇرغان. 1689 - يىلى ئەنگىلىيە پارلامېنت يامېس Ⅱ نىڭ كۈيئوغلى، گوللاندىيە ئورانگې شاھزادىسى ۋىللىيامنى ئەنگىليە كورۇلى دەپ ئېلان قىلىپ، ۋىللىيام Ⅲ دەپ ئاتىغان؛ ئۇنىڭ ئايالى مارى كورۇلىۋا بولغان. شۇ يىلى پارلامېنت <ھوقۇق قانۇنى>نى ماقۇللاپ، پادىشاھلىق ئاساسىي قانۇنلۇق تۈزۈمنى دەسلەپكى قەدەمدە ئېنىق بېكىتكەن. بۇ سۇلالىدە ئۆتكەن كورۇللار ۋە ئۇلارنىڭ تەختتە تۇرغان يىللىرى تۆۋەندىكىچە: يامىس Ⅰ (1603 - 1625)؛ چارلېس Ⅰ (1625 - 1649)؛ چارلېس Ⅱ (1660 - 1685)؛ يامېس Ⅱ (1685 - 1688)؛ ۋىللىيام Ⅲ (1689 - 1702) ۋە مارى Ⅱ (1689 - 1694)؛ كورۇلىۋا ئاننا (1702 - 1714). ئاننا ئۆلگەندىن كېيىن پارلامېنت 1701 - يىلى ماقۇللىغان قانۇنغا ئاساسەن، كورۇللۇق تەختى ستۇئارت جەمەتىنىڭ يىراق تۇغقىنى، گېرمانىيىدىكى ھاننوۋېرنىڭ ئىمپېراتور سايلىغۇچى كىنەزى گېئورگېغا بېرىلىپ، ھاننوۋىر سۇلالىسى باشلانغان.
بۇ خەت ھەققىدە
بۇ ئۇيغۇرچە–خەنزۇچە لۇغەت خېتى.
بۇ تەرجىمە Lughet توپلىمىدىكى ئاساسىي لۇغەت دىن ئېلىندى.
بۇ سۆز Lughet توپلىمىدىكى باشقا مەنبەلەردىمۇ ئۇچرايدۇ — تۆۋەندىكى تىزىملىكنى كۆرۈڭ.