Uyghur←Chineseئاساسىي لۇغەت
سىتسىلىيە پادىشاھلىقى
دۇنيا تارىخى
西西里王国
xī xī lǐ wáng guó
سىتسىلىيە ئارىلىدىكى فېئودال پادىشاھلىق. 1061 - 1091 - يىللىرى نورمانلار جەنۇبىي ئىتالىيە ۋە سىتسىلىيىنى بويسۇندۇرغان. 1130 - يىلى، روگېر Ⅱ ئىككى جاينى بىرلەشتۈرۈپ، سىتسىلىيە پادىشاھلىقى دەپ ئاتىغان. 1194 - يىلى مۇقەددەس رىم ئىمپېرىيسى خوخېن ستائۇفېن سۇلالىسىنىڭ پادىشاھى ھېنرى Ⅵ قۇدا بولۇش ئارقىلىق سىتسىلىيەنىڭ پادىشاھلىق تەختىنى قولغا كەلتۈرگەن. ئۇنىڭ ئوغلى فرېدرىخⅡ سىتسىلىيىگە ھۆكۈمرانلىق قىلغان مەزگىلدە (1198 - 1250) يەرلىك فېئودال كۈچلەرنى ئاجىزلىتىپ، مەركىزى ھاكىمىيەتنى كۈچەيتكەن. 1268 - يىلى، فرانسىيە ئانجو گرافى چارلېس پاپانىڭ قوللىشىغا ئىگەبولۇپ، خوخېن ستائۇفېن سۇلالىسىنى يېڭىپ، سىتسىلىيە پادىشاھلىقىغا ھۆكۈمرانلىق بولغان. 1282 - يىلى، سىتسىلىيە خەلقى قوزغىلاڭ كۆتۈرۈپ، ئانجوسۇلالىسىنىڭ ھۆكۈمرانلىقىدىن قۇتۇلغان (<سىتسىلىيە كەچلىك ئىبادەت قوزغىلىڭى>غا قارالسۇن)، شۇنىڭ بىلەن سىتسىلىيە پادىشاھلىق يوقالغان. شۇ يىلدىن باشلاپ جەنۇبىي ئىتالىيە نېئاپول پادىشاھلىقى دەپ ئاتىلىپ، سىتسىلىيە ئاراگون پادىشاھلىقىغا قارام بولغان(1302 - يىلى رەسمىي ھۆكۈمرانلىق ئورنىتىلغان).