Uyghur←Chineseئاساسىي لۇغەت
سترۇۋې
دۇنيا تارىخى
司徒卢威
sī tú lú wēi
(1870 - 1944) روسىيىلىك بۇرژۇئا ئىقتىسادشۇناسى، پەيلاسوپ، <قانۇني ماركسىزم>نىڭ ئاساسلىق ۋەكىلى. پېتېربۇرگ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ قانۇن فاكولتېتىنى پۈتتۈرگەن. ⅨⅩ ئەسىرنىڭ ئاخىرلىردا روسىيە سوتسىيال دېموكراتىك ئىشچىلار پارتىيىسىگە قاتناشقان. كېيىن بۇ پارتىيىدىن ئايرىلىپ، ئاساسىي قانۇنچى دېموكراتلار پارتىيىسى ئوڭ قانىتىنىڭ باشلىقى بولۇپ، <روسىيە ئىدىيىسى>ژورنىلىداباش تەھرىرلىك قىلغان. بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە سوتسىيال شوۋىنىزمچىغا ئايلىنىپ كەتكەن. ئۆكتەبر ئىنقىلابىدىن كېيىن دېنىكىن، ۋرانگېل ئەكسىلئىنقىلابىي ھۆكۈمىىتنىڭ مىنىستىرى بولغان. نارودنىكلارنىڭ نۇقتىئەنەزىرىنى بۇرژۇئا مەيدانىدا تۇرۇپ تەنقىد قىلىپ، روسىيە كاپىتالىزمنىڭ تەرەققى قىلغانلىقىنىڭ پاكىتلىرىنى كۆرسىتىپ بەرگەن بولسىمۇ، لېكىن كاپىتالىزمنى مەدھىيلەپ، پرولېتارىيات ئىنقىلابىي ۋە پرولتېتارىيات دىكتاتورىسىغا قارشى تۇرۇپ، ماركسىزمنى بۇرژۇئا ئىسلاھاتچىلىقىغا ئۆزگەرتمەكچى بولغان. ئىقتىسادشۇناسلىق جەھەتتە ماركسزمنىڭ ئەمگەك قىممىتى نەزەرىيىسىنى بۇرمىلاپ، مالتۇسنىڭ نوپۇس نەزەرىيىسىنى ھىمايە قىلغان؛ ئىشلەپچىقىرىش مۇناسىۋەتلىرىنى يوققا چىقرىپ، ئوبيېكتىپ ئىقتىسادىي قانۇنىيەتلەرنى ئىنكار قىلغان. ئۇنىڭ <روسىيە ئىگىلىكىنىڭ تەرەققىياتى مەسىلىسى توغرىسدا بايان>، <ئىگىلىك ۋە قىممەت> قاتارلىق ئەسەرلىرى بار.