Uyghur←Chineseئاساسىي لۇغەت
سترائۇس
ئىستېتىكا
施特劳斯,里查(Strauss,Richard,1864—1949,德国人)
shī tè láo sī ,lǐ chá (Strauss,Richard,1864—1949,dé guó rén )Dئۇنىۋېرسال
层云
céng yún
دىنى سۆزلۈكلەر
خىرىستيان دىنى
施特劳斯
shī tè láo sī
دۇنيا تارىخى
施特劳斯
shī tè láo sī
(1) داۋىد فرېدرىخ سترائۇس (1808 - 1874) گېرمانىيىلىك تېئولوگ،ئىدېئالىست پەيلاسوپ، ياش گېگىلچىلارنىڭ ئاتاقلىق ۋەكىلى. دەسلەپكى يىللاردا تىبىنگېندا ئوقۇتقۇچىلىق قىلغان، 1831 - يىلى بېرلىندا پەلسەپە ئۆگەنگەن. 1835 - يىلى <ئەيسانىڭ تەرجىمىھالى - تەنقىدىي تەتقىقات> ناملىق ماقالىسىنى ئېلان قىلىپ، خرىسىتىئان دىنىنىڭ دىنىي ئەقىدىسىنى تەنقىد قىلىپ، پەلسەپە ساھەسىدە بەس - مۇنازىرە پەيدا قىلغان، ئاخىرى گېگىلچىلارنىڭ بۆلۈنۈپ كېتىشىگە سەۋەپچى بولۇپ، بىر مەھەل نام چىقارغان. 1840 - يىلى يەنە <خرىستىئان دىنىنىڭ دىني ئەقىدىسى> ناملىق ماقالە ئېلان قىلىپ، خرىستىئان دىنىنىڭ دىنىي ئەقىدىسىنى روشەن ھالدا ئىنكار قىلغان. ئۇزاق ئۆتمەي سيۇرىخ داشۆسىنىڭ پروفېسسورلىقىغا تەيىنلەنگەن، بىراق ئاممىنىڭ نارازىلىقىدىن ۋەزىپە ئۆتەلمىگەن. شۇنىڭدىن كېيىن، ئۇ ئىلاھىيەتنى تەتقىق قىلىشنى 20 يىلدىن كۆپرەك تاشلىۋەتكەن. سىياسىي جەھەتتە مۇتەئەسسىپ پوزىتسىيەدە بولۇپ، پادىشاھلىق ئاساسىي قانۇنلۇق تۈزۈمنى تەشەببۇس قىلىپ، پرۇسسىيەنىڭ گېرمانىيىدىكى رەھبەرلىك ئورنىنى ھىمايە قىلىپ، بىسماركنىڭ <قاتتىق قوللۇق قانلىق سىياسەت>نى قوللىغان. ⅨⅩ ئەسىرنىڭ 50 - يىللىرى ئاساسلىق ئەدەبىي ئوبزور ۋە تەرجىمىھال يېزىش بىلەن مەشغۇل بولغان، ئاتاقلىق ئەسىرىدىن: <گۇتتېننىڭ تەرجىمىھالى> قاتارلىقلار بار. 1865 - 1872 - يىللىرى دارمىشتاتتا ئولتۇراقلىشىپ، ئىلاھىيەت تەتقىقاتىنى قايتا باشلىغان.1872 - يىلى ئاخىرقى ئەسىرى <يېڭى - كونا ئېتىقاد> نى ئېلان قىلىپ، يېڭىۋاشتىن كەسكىن بەس - مۇنازىرەنىڭ قوزغىلىشىغا سەۋەپچى بولغان. (2) جون سترائۇس (1825 - 1899). ئاۋسترىيىلىك كومپوزىتور. دەسلەپتە بانكا خىزمەتچىسى بولغان. ئىسكىرىپكا ۋە كومپوزىتورلۇقنى ئۆزلۈكىدىن ئۆگەنگەن. 1844 - يىلى شەخسىي ئوركىستر قۇرۇپ، ئۆزى ئىجاد قىلغان ۋالىس مۇزىكىلارنى ئۇرۇنلىغان ھەمدە ئۆزى دىرىژورلۇق قىلغان. 1849 - يىلى ئوركىستىرىنى باشلاپ، مەملىكەت ئىچىدە سەييارە ئويۇن قويغان ھەمدە ياۋرۇپا، ئامېرىكا دۆلەتلىرىدە سەييارە ئويۇن قويغان. روسىيەنىڭ سانكىت - پېتربۇرگ (ھازىرقى لېنىنگراد)تا پېتروپاۋلوۋىسكى باغچىسىنىڭ يازلىق مۇزىكا كېچىلىكىنىڭ دىرىژورلۇقىنى 10 يىل ئىشلىگەن. 1862 - 1863 - يىللىرى ئاۋسترىيە ئوردا تانسا ئوركسىتىرنىڭ دىرىژورلۇقىنى ئۆتىگەن. 1872 - يىلى ئامېرىكىنىڭ نيۇ - يورك ۋە بوستون مۇزىكا كېچىلىكىنىڭ دىرىژورى بولغان. ئۇنىڭ ئىجاد قىلغان ۋالىس مۇزىكىلىرى 400 دىن ئارتۇق، پىرقىراش قەدىمى تېز ۋە ئۇدارروشەن بولۇشتەك ئالاھىدىلىكلەرگە ئىگە بولۇپ <ۋېنا ۋالىسى> دەپ ئاتالغان. ئاساسلىق ئەسەرلىرىدىن: <يېشىل دوناي>، <ۋېنا ئورمانلىقىدىكى ھېكايە>، <سەنئەتكارنىڭ ھاياتى>،<باھار ساداسى>، <شەپەرەڭ>، <سىگان گرافى>قاتارلىقلار بار.