Uyghur←Chineseئاساسىي لۇغەت
ستراففورد
دۇنيا يەر - جاي ناملىرى
斯特拉福德
sī tè lá fú dé
دۇنيا تارىخى
斯特拉福
sī tè lá fú
(1593 - 1641). ⅦⅩ ئەسىردىكى ئەنگىلىيە بۇرژۇئا ئىنقىلابى مەزگىلىدە ئوتتۇرغا چىققان خانپەرەسلەرنىڭ ۋەكىلى. ئەسلى ئىسمى توماس ۋېنتۋورت. يوركىشىردىكى كونا ئاقسۆڭەك ئائىلىسىدە تۇغۇلغان.1614 - يىلى پارلامېنتقا كىرگەن. ھۆكۈمەتنىڭ بەزى ئىمىتيازلىق كىشىلىرىنى تەنقىد قىلغانلىقى ۋە باج تاپشۇرۇشنى رەت قىلغانلىقى ئۈچۈن قولغا ئېلىنغان. 1628 - يىلى پارلامېنتقا قايتىپ كېلىپ، <ھوقۇق تەلەپنامىسى>نى تاپشۇرۇش پائالىيەتلىرىگە قاتناشقان. كېيىن ئۆكتىچىلەردىن ئايرىلغان. 1632 - 1639 -يىللاردا ئېرلاندىيىنىڭ مۇئاۋىن باش ۋالىيسى بولغان.1639 - يىلى چارلېس Ⅰ نىڭ يېقىن ئادىمىگە ئايلانغان. 1640 - يىلى گراف ئۇنۋانى بېرىلگەن. شۇ يىلى 11 - ئايدا پارلامېنت تەرىپىدىن ۋەتەنگە ئاسىيلىق قىلىش جىنايىتىنى ئۆتكۈزدى، دەپ ئەيىبلەنگەن. 1641 - يىلى 5 - ئاينىڭ 12 - كۈنى ئۆلۈم جازاسى بېرىلگەن.