Uyghur←Chineseئاساسىي لۇغەت
ستننېس
دائىرە: دۇنيا تارىخى斯延纳斯
sī yán nà sī
(1870 - 1924)، گېرمانىيىنىڭ مونوپول كاپىتالىستى. ياش ۋاقتىداكانچىلىق ۋە ئىنژېنېرلىقنى ئۆگەنگەن. 1892 -يىلى ستننېس شىركىتىنى قۇرغان، ئۇ تېز تەرەققى قىلىپ كۆمۈركان، سۇ قاتنىشى، پولات - تۆمۈر ۋە ئېلىكتىر كۈچى قاتارلىق تارماقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان كونسېرىنغا ئايلانغان. بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە، ھەربىي لاۋزىمەتلىكلەرنى ئىشلەپچىقىرش ئارقىلىق، ئۇرۇشتىن تازا بېيىغان. 20 - يىللارنىڭ بېشىدىن تارتىپ گىتلېرنىڭ ناتسسىتلار پارتىيىسىگە ئىقتىسادىي جەھەتتىن پائال ياردەم قىلغان.
بۇ خەت ھەققىدە
بۇ ئۇيغۇرچە–خەنزۇچە لۇغەت خېتى.
بۇ تەرجىمە Lughet توپلىمىدىكى ئاساسىي لۇغەت دىن ئېلىندى.
بۇ سۆز Lughet توپلىمىدىكى باشقا مەنبەلەردىمۇ ئۇچرايدۇ — تۆۋەندىكى تىزىملىكنى كۆرۈڭ.