Uyghur←Chineseئاساسىي لۇغەت
ستېندال
ئىستېتىكا
司汤达
sī tāng dá
دۇنيا تارىخى
司汤达
sī tāng dá
(1783 - 1842) ئەسلى ئىسمى ھېنرى. مارىي بېيلى فرانسىيىنىڭ تەنقىدىي رىئالىزمچى يازغۇچىسى. گرېنوبلدا ئادوۋكات ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. كىچىكىدىنلا مەرىپەت ئىدىيىسى بىلەن تەربىيلەنگەن، كېيىن يەنە ⅧⅩ ئەسىردىكى ماتىرىيالىزملىق پەيلاسوپلار ئىدىيىسىنىڭ تەسىرىنى قوبۇل قىلىپ، فرانسىيە بۈيۈك ئىنقىلابىغا ھېسداشلىق قىلغان،ناپولېئونغا چوقۇنغان. 1799 - يىلى پارىژغا كېلىپ، ناپولېئون ئارمىيىسىگە كىرىپ، كۆپ قېتىم سىرتقى ئۇرۇشقا قاتنىشىپ، بىرىنچى ئىمپېرىيە خان جەمەتى سۇيۇرغاللىق يېرىنىڭ باش خوجىدارى، ھەربىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ ۋالىيسى، خان جەمەتى جەبخانىسىنىڭ باش نازارەتچىسى قاتارلىق ۋەزىپىلەرنى ئۆتىگەن. 1418 - يىلى بوربون سۇلالىسى تىرىلگەندىن كېيىن، ئىتالىيىنىڭ مىلان دېگەن يېرىدە مۇھاجىر بولۇپ تۇرۇپ، يېزىقچىلىق بىلەن شۇغۇللانغان ھەمدە ئىتالىيىنىڭ كاربونارلار (ياغاچ كۆمۈر كۆيدۈرگۈچىلەر) پارتىيىسى بىلەن بېرىش - كېلىش قىلغان. 1821 - يىلى كاربونارلارپارتىيىسىنىڭ قوزغىلىڭى مەغلۇپ بولغاندىن كېيىن، پارىژغاقايتىپ كېلىپ، تىرىلىشكە قارشى تۇرىدىغان ۋە ناپولېئوننى مەدھىيلەيدىغان ئەسەرلەرنى يازغان. بۇنىڭ ئىچىدە <راسىن بىلەن شېكسپېر> ⅨⅩ ئەسردىكى تەنقىدىي رىئالىزملىق ئەدەبىياتتىكى تۇنجى نەزىرىيىۋى ئەسەر بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. <قىزىل ۋە قارا> بولسا تەنقىدىي رىئالىزملىق ئەدەبىياتتىكى تۇنجى نادىر ئەسەر ھېسابلىنىدۇ. 1850 - 1842 - يىللىرى ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ ئىتالىيىنىڭ تىرىيېست ۋە جىۋىتا ۋېجھىيا دېگەن جايلىرىدا كونسۇل بولۇپ، ۋاپات بولغانغا قەدەر ئىزچىل يېزىقچىلىق بىلەن شۇغۇللانغان. يەنى <پارمى موناستىرى>، <لۇسئېن لۋان>، <ناپولېئون ھەققىدە ئەسلىمە> ۋە <ناپولېئوننىڭ تەرجىمىھالى> قاتارلىق ئەسەرلىرىبار.