English→Uyghurئاساسىي لۇغەت
St.Lucia
دۇنيادىكى دۆلەتلەر
ئامېرىكا
Saint Lucia
ساينت لۇسىيە
<ساينت لۇسىيە بايرىمى> دىن كەلگەن.
غەربىي ھىندى تاقىم ئاراللىرى ئىچىدىكى ۋىندۋارد ئاراللىرىنىڭ ئوتتۇرا قىسمىغا جايلاشقان ئارال دۆلەت، ئۇنىڭ جەنۇبىي قىسمى سىنتۋىنسېنت ئارىلى ئارقىلىق ئايرىلىپ تۇرىدۇ. شىمالىي قىسمى ماتنىك ئارىلىدىن 40 كىلومېتىر ئۇزۇنلۇقتا تۇرىدۇ. سانت لۇسىيىنىڭ مەيدانى 616 كۋادرات كىلومېتىر كېلىدۇ، ئاھالىسى 125 مىڭدىن ئاشىدۇ (1984). ئاھالىنىڭ 90% نى نېگىرلار بىلەن ئاق تەنلىكلەردىن بولغان ئارىلاش قان سىستېمىسىدىكى خەلقلەر تەشكىل قىلىدۇ. ئۇلاردىن باشقا ئاق تەنلىكلەر، ھىندىستانلىقلار بار. ئاھالىنىڭ كۆپ كاتولىك دىنىغا ئېتىقاد قىلىدۇ. كرىئور تىلىدا سۆزلىشىدۇ. ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرى ئىنگلىز تىلىنى قوللىنىدۇ. سانت لۇسىيە ئارىلىدا قەدىمدىن تارتىپ ئىندىئان خەلقلىرى ئولتۇراقلاشقان. 1939 - يىلى ئەنگلىيە بېسىپ كىرىشكە باشلىغان. 1814 - يىلى رەسمىي ئەنگلىيىنىڭ مۇستەملىكىسى بولغان. 1967 - يىلى 3 - ئايدا ئىچكى ئاپتونومىيە ھوقۇقىغا ئىگە بولغان. 1979 - يىلى 2 - ئاينىڭ 22 - كۈنى رەسمىي مۇستەقىللىككە ئېرىشكەن. بىراق ئۇ يەنىلا ئەنگلىيە ئىتتىپاقىنىڭ بىر ئەزاسى. سانت لۇسىيە تروپىك بەلباغقا جايلاشقان دۆلەت، ئۇنىڭ يىللىق ئوتتۇرىچە ھاۋا تېمپېراتۇرىسى 21℃-31℃ بولىدۇ، ھۆل - يېغىنى 1400-3500 مىللىمتېرغا يېتىدۇ. شۇڭا ھەممە جاينى ياپيېشىل ئوت - چۆپلەر، ئورمانلار قاپلاپ تۇرىدۇ. تەبىئىي مەنزىرىسى گۈزەل. ئارالدا ۋولقان كۆپ بولغانلىقتىن ئارشاڭلار، ساياھەت ئورۇنلىرى كۆپ. دۆلەتنىڭ غەربىي جەنۇب دېڭىز قىرغىقىدىكى سۇفرېرىې ئاتاقلىق دەم ئېلىش ئورنى ھېسابلىنىدۇ. سانت لۇسىيە ئىقتىسادىدا يېزا ئىگىلىكىنى ئاساس قىلىدۇ. يېزا ئىگىلىك ئۈچۈن پايدىلىنىدىغان يېرى پۈتۈن دۆلەت مەيدانىنىڭ 3/1 نى ئىگىلەيدۇ. يېزا ئىگىلىكىدە ئاساسەن بانان ئۆستۈرۈلىدۇ. ئۇنىڭدىن قالسا پالما، كاكائو، شېكەر قۇمۇشى، مېۋە - چىۋە ئۆستۈرۈلىدۇ. يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ كۆپى ئېكسپورت قىلىنىدۇ. ئاشلىق بىلەن ئۆز ئېھتىياجىنى قامدىيالمايدۇ. ساياھەتچىلىك مۇھىم ئىقتىسادىي مەنبەسى ھېسابلىنىدۇ، ھەر يىلى بۇ جايدا ساياھەت ئۈچۈن كېلىدىغان كىشىلەرنىڭ 165 مىڭدىن ئاشىدۇ. سانائەتتە ھاراق ئىشلەش، ياغ چىقىرىش، ئۆي جاھازلىرىنى ياساش، كىيىم - كېچەك، يېمەك - ئىچمەك قاتارلىق يېنىك سانائەت ئورۇنلىرى بار.
[FT4\"NBK]سانت لۇيىس [FT4\"NDA] (圣路易斯'' Saint Losis)() ئامېرىكىدىكى مىسسورى شتاتىنىڭ شەرقىي قىسمىغا جايلاشقان چوڭ شەھەر. ئۇ مىسسىسپى دەرياسىنىڭ قىرغىقىدىن ئورۇن ئالغان، ئامېرىكىنىڭ غەرب، شەرق، شىمال، جەنۇب ئارىلىقىدىكى نۇرغۇن تۆمۈريول، تاشيوللار سانت لويىس شەھىرىنى كېسىپ ئۆتىدۇ. مىسسىسىپى دەرياسىنىڭ قۇيۇلۇش ئاغزىدىن يۇقىرى ئېقىمىغا قاراپ يۈرگەن دەريا پاراخوتلىرى سانت لۇيىس شەھىرىنى بېسىپ ئۆتۈپ، قانال ئارقىلىق چېىكاگو شەھىرىگە بارالايدۇ. ئۇ ئامېرىكىدىكى مۇھىم قاتناش تۈگۈنى ھېسابلىنىدۇ. سانت لۇيىس شەھىرىنىڭ مەيدانى 158 كۋادرات كىلومېتر كېلىدۇ، ئاھالىسى (شەھەر رايونى بىلەن قوشۇلۇپ) 2 مىليون 400 مىڭدىن ئاشىدۇ (1981). سانت لۇيىس شەھىرى 1764 - يىلى فرانسىيىلىكلەر تەرىپىدىن سېلىنغان. ئامېرىكىدا مۇستەقىللىك ئۇرۇش غەلىبە قىلغاندىن كېيىن، 1803 - يىلى فرانسىيە قولىدىن 15 مىليون ئامېرىكا دوللىرىغا سانت لۇيىس شەھىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان لۇيىس ئانا رايونىنى سېتىۋالغان. سانت لۇيىس ئامېرىكىنىڭ ئەڭ مۇھىم سودا، سانائەت مەركەزلىرىنىڭ بىرى، ئۇنىڭ ھەرخىل سانائەت تارماقلىرى ئا ق ش بويىچە خېلى مۇھىم ئورۇن تۇتىدۇ. ئۇ، ئا ق ش بويىچە دېترويت شەھىرىدىن قالسا ئىككىنچى چوڭ ئاپتوموبىل ئىشلەپچىقىرىش مەركىزى. باستون شەھىرىدىن قالسا ئا ق ش بويىچە ئىككىنچى چوڭ ئاياغ كىيىم ئىشلەپچىقىرىش سانائەت مەركىزى ھېسابلىنىدۇ. شەھەردە ئايروپىلان ئىشلەپچىقىرىش، ئېلېكترون، مېتاللۇرگىيە، نېفىت مەھسۇلاتلىرىنى پىششىقلاپ ئىشلەش، خىمىيە سانائەت، يېمەك - ئىچمەك قاتارلىق سانائەت ئورۇنلىرىمۇ تەرەققىي قىلغان.
ساينت لۇسىيە كىچىك ئانتىلىس تاقىم ئاراللىرىنىڭ ئوتتۇرا قىسمىغا جايلاشقان. كولۇمبو 1502 - يىلى 12 - ئاينىڭ 13 - كۈنى بۇ جايدا قۇرۇقلۇققا چىققان ۋاقىت دەل ساينت لۇسىيە بايرىمىغا توغرا كەلگەچكە <ساينت لۇسىيە ئارىلى> دەپ ئاتالغان. ئارالنىڭ ئەڭ بۇرۇنقى ئاھالىسى ئامېرىكا ئىندىئانلىرى بولۇپ، 1639 - يىلى ئەنگلىيە تاجاۋۇزچىلىرى بېىسپ كىرگەن. ئىككىنچى يىلى 400 نەپەر مۇستەملىكىچى يەرلىكلەر تەرىپىدىن يوقۇتۇلغان. 1651 - يىلى فرانسىيە مۇستەملىكچىلىرى ئارالنى بېسىۋالغان چاغدىمۇ، يەرلىكلەرنىڭ قاتتىق قارشىلىقىغا ئۇچرىغان. كېيىن ئارالنى ئەنگلىيە، فرانسىيە ئۇزۇن مۇددەت تالىشىپ، 1814 - يىلى ئەنگلىيە مۇستەملىكە قىلىۋالغان. 1967 - يىلى 3 - ئايدا ئىچكى ئاپتونومىيە يۈرگۈزۈپ، ئەنگلىيىنىڭ ئالاقە شىتاتى بولغان. 1979 - يىلى 2 -ائينىڭ 22 - كۈنى مۇستەقىللىق جاكارلىغان.
ساينت لۇسىيىنىڭ يەر مەيدانى 616 كۋادرات كىلومېتىر، ئاھالىسى 158 مىڭ. بۇنىڭ 90%ى نېگىر، قالغىنى شالغۇت نەسىللىكلەر. ئىنگلىز تىلىنى قوللىنىدۇ، خرسىتىئان دىنىغا ئېتىقاد قىلىدۇ. پايتەختى كاسترىيېس.
1502 - يىلى دېكابىردا، كولومبۇ ساياھەت قىلىپ غەربىي ھىندى تاقىم ئاراىلىنىڭ شامالغا باقار تاقىم ئارىلىغا يېتىپ كەلگەندە بۇ ئارالنى بايقىغان، شۇ كۈنى مۇھاپىزەت ئىلاھى ساينت لۇتسىيىنىڭ تۇغۇلغان كۈنى بولغاچقا بۇ ئارالغا ساينت لۇتسىيە دەپ نام قويغان. بۇ ئارال ئىستراتىگىيىلىك مۇھىم ئۆتەڭگە جايلاشقان، فرانسىيە بىلەن ئەنگلىيە بۇ ئارالنى تالشىپ تىغ كۆتۈرۈشكەن. 1784 - يىلى ئەنگلىيىلىكلەر بۇ ئارالنى ئىدارە قىلىش ھوقۇقىغا ئىگە بولۇپ، 190 يىلدىن ئارتۇق مۇستەملىكلىك ھۆكۈمرانلىقىنى باشلىغان. 1979 - يىلى ساينت لۇتسىيە مۇستەقىل بولغان. دۆلەت بايرىقى 1967 - يىلى ئىچكى ئاپتونومىيىنى يولغا قويغاندا ئىشلەتكەن تېگى كۆك بايراق بولۇپ، دۆلەت زېمىنىنى ئوراپ ت ۇرغان دېڭىز - ئوكياننى بىلدۈرگەن؛ قارا سېرىق ۋە ئاق رەڭدىن تەركىب تاپقان ئۈچبۇلۇڭلۇق شەكىل ئوكيان ئارىسىدىكى بۇ ئارال دۆەتنىڭ سمۋولدۇر، ئاق رەڭ بىلەن قارا رەڭ ئارالدا ياشاۋاتقان ئاساسلىق ئىككى مىللەت - ئاق تەنلىكلەر بىلەن قارا تەنلىكلەرنى كۆرسەتكەن، قارا رەڭ يانار تاغنىڭ، سېرىق رەڭ ئالتۇن رەڭلىك دېڭىز ساھىلىنىڭ سىمۋولى بولغان.
قارا رەڭ ساينىت لۇتسىيە دۆلەت گېربىنىڭ ئاساسىي رېڭى بولۇپ، بۇ دۆلەتنڭ قارا تەنىلكلەرنى ئاساس قىغان دۆلەت ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن. دەل ئوتتۇرىسىدا ئىككى پارچە بامبۇك گىرەلەشتۈرۈلۈپ،بىر ئالتۇن رەڭلىك كرېسىت ھاسىل قىلىنغان. بامبۇك ساينت لۇتسىيە ئارىلىنىڭ ئاساسلىق يېشىل يېپىنچا ئورمىنىدۇر، كرېسىت بۇ ئارال دۆلىتىدىكى ئاھالىلەرنىڭ خرستىئان دىنىغا ئېتقادا قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. دۆلەت گېربىدىكى گۈللەر ئەنگلىيىنىڭ دۆلەت گۈلى ئازغان گۈلى بىلەن فرانسىيىنىڭ پىياز گۈلى سىممېتىرىيىلىك تىزىلىشى ئارقىلىق ھاسىل قىلىنغان بولۇپ، ساينىت لۇتسىيىنىڭ ئەنگلىيە ۋە فرانسىيە بىلەن بولغان تارىخىي ئەنئەنۋى مۇناسىۋىتى كۆرسەتكەن. دۆلەت گېربىنىڭ ئاستىدىكى ئاق لېنتىغا لاتىنچە < بۇ يەردە لەڭگەر تاشلانسا، بىخەتەرلىكتىن دېرەك بېرىدۇ> دېگەن سۆز يېزىلغان.