Uyghur←Chineseئاساسىي لۇغەت
ستېفېن
دائىرە: دۇنيا يەر - جاي ناملىرى斯蒂芬〈巴布、美〉
sī dì fēn 〈bā bù 、měi 〉
دائىرە: دۇنيا تارىخى斯提芬
sī tí fēn
(1) ستېفېن (تەخمىنەن 9710 - 1154). ئەنگلىيە كورۇلى (1135 - 1154).فرانسىيىدە تۇغۇلغان. ئەنگىلىيە كورۇلى ھېنرى Ⅰ (1068 - 1135) نىڭ جيەنى. ياش ۋاقتىدىلا ئەنگىلىيىگە كۆچۈپ بارغان. 1135 - يىلى 12 - ئايدا ھېنرى Ⅰ ئۆلگەندىن كېيىن، ئۇنىڭ ئوغلى بولمىغانلىقتىن، بىرقىسىم ئاقسۆڭەكلەر سېتفېننى يۆلەپ تەختكە ۋارىسلىق قىلدۇرغان. ھېنرى Ⅰ نىڭ قىزى ماتىلدا شوتلاندىيە كورۇلى داۋىد Ⅰ (1082 - 1153) قاتارلىقلار بىلەن بىرلىشپ، ئەسكەر تارتىپ، ئۇنڭغا قارشى چىققان، ئىككى تەرەپ توختىماي قالايمىقان سوقۇشۇپ، ئەنگىلىيە ھۆكۈمەتسىزلىك ھالىتىگە چۈشۈپ قالغان. ستېفېن 1154 - يىلى 10 - ئايدا ئۆلگەن، ماتىلدانىڭ ئوغلى، فرانسىيە ئانجو بەگلىكىنىڭ گرافى ھېنرى تەختكە چىقىپ، ئەنگىلىيە كورۇلى بولغان، ئۇ ھېنرى Ⅱ دەپ ئاتالغان ۋە پلانتا گېنېتس سۇلالىسىنى قۇرغان. (2) ستېۋان (تۇنجى تاج كىيگۈچى) (؟ - 1227). سېرۋىيىنىڭ چوڭ ژۇپانى (1196 - يىلدىن باشلاپ) ۋە كورۇلى (1217 - 1227). ئۇ ھۆكۈمرانلىق قىلغان مەزگىلدە، سېرۋىيە زالىم بەگلەر تەرىپىدىن بۆلۈشۈۋېلىنغان بولۇپ، ئىچكى جاڭجال ئۈزۈلمىگەن. ئۇ ئۆزىنىڭ ئورنىنى كۈچەيتىش ئۈچۈن رىم ۋاتىكانى بىلەن يېقىنلاشقان ھەمدە 1217 - يىلى پاپا ئىنئام قىلغان تاجغا ئېرىشىپ، پادىشاھدەپ ئاتىلىشقا باشلىغان. كېيىن ئۆزگىرىپ پراۋوسلاۋىيە چېركاۋىغا تايانغان. 1219 - يىلى بىنىسسىيىدە تۇرۇشلۇق كونستانتىنوپول ئارخېئېپىسكوپىنىڭ قۇشۇلۇشى ئارقىلىق، سېربىيىنىڭ مۇستەقىل پراۋوسلاۋىيە چېركاۋىنى قۇرغان
بۇ خەت ھەققىدە
بۇ ئۇيغۇرچە–خەنزۇچە لۇغەت خېتى.
بۇ تەرجىمە Lughet توپلىمىدىكى ئاساسىي لۇغەت دىن ئېلىندى.
بۇ سۆز Lughet توپلىمىدىكى باشقا مەنبەلەردىمۇ ئۇچرايدۇ — تۆۋەندىكى تىزىملىكنى كۆرۈڭ.