Uyghurئاساسىي لۇغەت
ستېفان گېئورگىئۇ
دۇنيا تارىخى
(1879 - 4191) رۇمىنىيە سوتسىيالىزم ھەرىكىتىنىڭ رەھبەرلىرىدىن بىرى. ئىشچى ئائىلىسىدىن كېلىپ چىققان. ياش ۋاقتىدا ئىشچىلار ئۇيۇشمىسىنىڭ خىزمىتى بىلەن شۇغۇللانغان. 1906 - يىلى8 - ئايدا رومىنىيە بىرىنچى قېتىملىق ئىشچىلار ئۇيۇشما ۋەكىللەر يىغىنىغا قاتناشقان. ئىككىنچى يىلى دېھقانلار قوزغىلىڭىغا مەدەت بەرگەنلىكى ۋە ئەسكەرلەر ئارىسىدا سوتسىيالىزمنى تەشۋىق قىلغانلىقى ئۈچۈن، يېرىم يىل قامالغان. 1910 - يىلى رومىنىيە سوتسىيال دېموكراتلار پارتىيىسىنى قايتا قۇرغاندا، پارتىيە ئىچىدىكى ئىسلاھاتچىلىق كۆز قارىشىغا قارشى تۇرغان. 1912 - يىلى پلوئېستىپرولېتارلىرىغا رەھبەرلىك قىلىپ، <ئۇرۇشقائۇرۇش ئېلان قىلىش> خىتابنامىسىنى ئېلان قىلىپ، رومىنىيىنىڭ ئىككىنچى قېتىملىق بالقان ئۇرۇشىغا قاتنىشىشقا قارشى تۇرغانلىقى ئۈچۈن، يەنە قولغا ئېلىنىپ تۈرمىگە سولانغان. كېيىن قويۇپ بېرىلگەن. شۇيىلى رومىنىيە ترانسپورت ئىشچىلار ئۇيۇشمىسىنىڭ سېكرىتارلىقىغا سايلانغان. 1913 - يىلى برائىلا ئىش تاشلىشىغا رەھبەرلىك قىلغان.