Uyghur←Chineseئاساسىي لۇغەت
ستانكېۋىچ
دائىرە: دۇنيا تارىخى斯坦凯维奇
sī tǎn kǎi wéi qí
(1813 - 1840). روسىيىلىك ئىدىئالىست پەيلاسوپ، ئەدىب. ⅨⅩ ئەسىرنىڭ 30 - يىللىرىدىكى موسكۋا ئەدەبىيات -پەلسەپە گۇرۇپپىسىنىڭ رەھبەرلىرىدىن بىرى.يانچىلىق تۈزۈمىنى ئەيىبلىگەن بولسىمۇ، ئەمما ئۇنى تىنچلىق بىلەن، تەدرىجىي ھالدا يوقىتىشنى ئۈمىد قىلغان ھەمدە مەرىپەت ۋە ئىنسانلارنى تەربىيلەش ۋەزىپىسىنى ئىجتىمائىي ئۆزگەرتىشنىڭ ئالدىنقى ئورنىغا قويغان. پەلسەپە جەھەتتە ئوبيېكتىپ ئىدېئالىزمنى تەشۋىق قىلىپ، تەبىئەت دۇنياسى مۇتلەق روھ پائالىيىتىنڭ نەتىجىسى، دەپ قارىغان. ئاساسىي ئەسەرلىرى <مېنىڭ مېتافىزىكام>، تراگېدىيە <ۋاسلىي شۇيسكى> قاتارلىقلاردىن ئىبارەت.
بۇ خەت ھەققىدە
بۇ ئۇيغۇرچە–خەنزۇچە لۇغەت خېتى.
بۇ تەرجىمە Lughet توپلىمىدىكى ئاساسىي لۇغەت دىن ئېلىندى.
بۇ سۆز Lughet توپلىمىدىكى باشقا مەنبەلەردىمۇ ئۇچرايدۇ — تۆۋەندىكى تىزىملىكنى كۆرۈڭ.