Uyghurئاساسىي لۇغەت
ستالىن
يۈز مەشھۇر شەخىس
1879 - 1953
سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ نەچچە ئون يىللىق مۇتلەق نوپۇزغا ئىگە داھىيىسى ستالىن 1879 - يىلى گروزىيىنىڭ گورى شەھىرىدە تۇغۇلغان. گروزىن تىلى ئۇنىڭ ئانا تىلى بولۇپ، ئۇنىڭ كېيىن ئۆگەنگەن رۇس تىلىدىن پەرقى چوڭ تىل ئىدى. شۇڭا ئۇ رۇسچىنى گروزىن شىۋىسىدە سۆزلەيتتى.
ستالىننىڭ ئائىلىسى ناھايىتى نامرات ئىدى. ئاتىسى ھاراقكەش موزدۇز ئىدى. ئۇ ھە دېسىلا ئوغلىنى قاتتىق ئۇراتتى. دادىسى قازاتاپقاندا ستالىن ئاران 11 ياشتا ئىدى.
ستالىن دەسلەپكى يىللىرى گورىدىكى چېركاۋ ئاچقان مەكتەپتە ئوقۇغان. كېيىن تىفلىس تىئولوگىيە شۆيۈەنىگە ئوقۇشقا كىرگەن. 1899 - يىلى ئىنقىلابىي تەشۋىقات ۋەرەقلىرىنى تارقاتقانلىقى ئۈچۈن مەكتەپتىن قوغلانغان. كېيىن ماكسىزم ھەرىكىتىگە قاتناشقان. 1903 - يىلى بولشېۋىكلار پارتىيىسىگە ئەزا بولغان. شۇنىڭدىن كېيىنكى بىر نەچچە يىلدىن تاكى 1917 - يىلغىچە، ستالىن ئاكتىپ پارتىيە ئەزاسى بولغان، چار پادىشاھ دائىرىلىرى تەرىپىدىن ئالتە قېتىم قولغا ئېلىنغان. بېرىلگەن جازا ئۈچۈن، بولشېۋىكلار ئىچىدە ياراملىق ئادەم بولۇپ قالغان. بۇ مەزگىلدە ئۇ ئىسمى - جىسىمىغا لايىق <ستالىن> دېگەن نامغا ئېرىشكەن. بۇ پولاتتەك ئادەم دېگەنلىك ئىدى.
1917 - يىلى، ئۆكتەبر غەلبە ئىنقىلابى غەلىبە قىلغاندىن كېيىنكى ئىككى يىل ئچىدە، ستالىن ئىنتايىن پائالىيەتچان بولۇپ كەتتى. 1922 - يىلى سوۋېت كوممۇنىستىك پارتىيىسىنىڭ باش شۇجىلىق ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالغان. بۇ ۋەزىپىنىڭ ئۇنىڭ پارتىيە ئىچىدە ھوقۇق ئىگىلىشىگە ياردىمى تەگدى.
روشەنكى، لېنىن تروتسكىيىنى ئۆزىنىڭ ئىز باسار قىلىشنى خالىمايتتى. چۈنكى، لېنىن تروتسكىيدا رېۋىئونىزم خاھىشلىرى بار دەپ قارايتتى. تروتسكىي كۆپ قېتىم ئارىسالدى بولۇپ تاكى ئىنقىلابنىڭ ھارپىسىدا ئاندىن بولشېۋىكلارغا ئەزا بولۇپ كىرگەنىدى. تروتسكىينىڭ غەيرىي خاراكتېرى، ئۇنىڭ ھەمىشە باش قاتۇرۇپ، تۈرلۈك چارە - تەدبىرلەر بىلەن رەھبەرلىك ئورنىغا يامىشىشى، ئۆزىنىڭ ماركسىزم ئىدېئولوگىيىسى ساھەسىدە ئۆتكۈزگەن خاتالىقلىرىغا قىلچە پەرۋا قىلماسلىقى لېنىننى تېخىمۇ خاتىرچەمسىزلەندۈرەتتى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، لېنىن يەنە ستالىننىڭ ۋۇجۇدىدىكى بەزى پاسسىپ ئامىللاردىنمۇ خەۋەردار ئىدى. بۇلاردىن مۇھىملىرى، ئۇنىڭ يولداشلىرىغا كۆڭۈل بۆلمەسلىكى ۋە شەخسىيەتچىلىك خاھىشى ئىدى. لېنىن مەركىزىي كومېتىتنى كېڭەيتىش، ئىشچى ئەزالارنىڭ سانىنى ئاشۇرۇشنى ستالىننىڭ باش شۇجى بولۇشتىكى ئاساسىي شەرتلىرى قىلغانىدى. لېنىن ۋاپات بولغاندىن كېيىن، ستالىن سىياسىي كۈرەشلەردە تالانت ئىگىسى ئىدى. كېيىن ئوڭۇشلۇق ھالدا سوۋېت ئىتتىپاقىدىكى بىرىنچى نومۇرلۇق شەخس بولۇپ قالدى.
1939 - يىلى، ستالىن گىتلېر بىلەن مەشھۇر <ئۆز ئارا تاجاۋۇز قىلىشماسلىق شەرتنامىسى> نى ئىمزالىدى. لېكىن ئۇزۇن ئۆتمەيلا گىتلېر ئۆز لەۋزىدە تۇرماي، بۇ شەرتنامىنى يىرتىپ تاشلاپ، سوۋېت ئىتتىپاقىغا كەڭ كۆلەمدە ھۇجۇم قىلدى، بۇ ئەڭ ئاخىرىدا گىتلېرنىڭ يىمىرىلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى.
ستالىننىڭ مۇنداق ئىككى چوڭ تۆھپىسى بار: ئۇنىڭ بىرى، سوۋېت ئىتتىپاقىنى سانائەتلەشتۈرگەنلىكى ھەمدە سانائەتلىشىش قەدىمىنى تېزلەتكەنلىكىدىن ئىبارەت؛ ئىككىنچىسى، دۇنيا مىقياسىدا كوممۇنىزم پرىنسىپلىرىنى تارقاتقانلىقىدىن ئىبارەت. سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ بېقىندى دۆلەتلىرىدە سوتسىيالىزم تۈزۈمىنى تۇرغۇزۇشتىن ئىبارەت بۇ تۆھپە ستالىنغا مەنسۇپ. بۇنىڭدىن سىرت، ماۋزېدۇڭ ۋە ئۇنىڭ سەپداشلىرى رەھبەرلىكىدىكى خەلق جۇڭگوسىنىڭ سوتسىيالىزم يولىغا مېڭىشىمۇ كوممۇنىزم تەلىماتلىرىنىڭ نوپۇزىنى كۈچەيتتى.
دۇنيا تارىخى
(1879. 12. 21 - 53.1953). ئۇلۇغ ماركسىزم - لېنىنىزمچى، سوۋېت ئىتتىپاقى كوممۇنىستىك پارتىيسى ۋە سوۋېت ئىتتىپاقى خەلقىنىڭ داھىيىسى. ئەسلى فامىلىسى جۇگاشىۋىلى بولۇپ، گرۇزىيىنىڭ گورى شەھىرىدە تۇغۇلغان. ئاتىسى دېھقان ئائىلىسىدىن كېلىپ چىققان موزدوز، ئانىسى يانچىنىڭ قىزى ئىدى. 1894 - يىلى تىفلىس (ھازىرقى تىبلىس) دىنىي ئوتتۇرا مەكتىپىگە كىرىپ ئوقۇۋاتقان چېغىدىلا ئىنقىلابىي پائالىيەتلەرگە قاتناشقان. 1898 - يىلى تىفلىستىكى روسىيە سوتسىيال دېموكراتىك ئىشچىلار پارتىيىسىنىڭ تەشكىلاتىغا قاتناشقان ھەمدە شۇ مەزگىلدىن باشلاپ ماركس، ئېنگلس ۋە لېنىنلارنىڭ ئەسەرلىرىنى تەتقىق قىلغان، ئىشچىلار ئىچىدە تەشۋىق قىلىپ، ئىش تاشلاشقا ئۇيۇشتۇرغان. ئىنقىلابىي پائالىيەتلەرگە قاتناشقانلىقى تۈپەيلىدىن، 1899 - يىلى مەكتەپتىن قوغلاپ چىقىرىلغان، شۇنىڭدىن كېيىن كەسپىي ئىنقىلاپچىغا ئايلانغان. لېنىن 1900 - يىلى <ئىسكرا> گېزىتىنى تەسىس قىلغان چاغدىن باشلاپ، ئۇ بۇ گېزىتنىڭ تەشەببۇسلىرىنى تامامەن قوللاپ، لېنىننى ھەقىقىي ماركسىزملىق سىياسىي پارتىيىنىڭ داھىيىسى ۋە ئۇستازى دەپ ئېتىراپ قىلغان. 1901 - يىلى 11 - ئايدا روسىيە سوتسىيال - دېموكراتىك ئىشچىلار پارتىيسى تىفلس كومىتېتىنىڭ ئەزالىقىغا سايلىنىپ، جەنۇبىي كاپكاز رايونىدا لېنىننىڭ <ئىسكرا> گېزىتىئىدىيىسىنى تەشۋىق قىلىپ، ماركسزمغا قارشى ھەرخىل گورۇھلارغا قارشى كۈرەش ئېلىپ بارغان. 1903 - يىلى ئۆزى يىغىنغا قاتنىشالمىغان ئەھۋالدا، روسىيە سوتسىيال - دېموكراتىك ئىشچىلار پارتىيىسى كاپكاز ئىتتىپاقى كومىتېتىنىڭ ئەزالىقىغا سايلانغان. 1904 - يىلى 12 - ئايدا باكو نېفىت ئىشچىلىرىنىڭ چوڭ ئىش تاشلىشىغا رەھبەرلىك قىلغان. ئىككىنچى يىلى تامورفۇس (فىنلاندىيىدە)دا ئۆتكۈزۈلگەن بىرىنچى قېتىملىق پۈتۈن روسىيە بولشېۋىكلىرىنىڭ ۋەكىللەر يىغىنىغا قاتنىشىپ، لېنىن بىلەن تۇنجى قېتىم كۆرۈشكەن. 1912 - يىلى پارتىيىنىڭ 6 - قېتىملىق ۋەكىللەر يىغىنى (پراگا ۋەكىللەر يىغىنى)دا، ئۆزى يىغىنغا قاتنىشالمىغان ئەھۋالدا، بولشېۋىكلار پارتىيىسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەزالىقىغا سايلانغان ھەمدە مەركىزىي كومىتىت روسىيە بيۇرۇسىنىڭ خىزمىتىگە رەھبەرلىك قىلغان. شۇيىلى ئەتىيازدا، لېنىننىڭ يوليۇرۇقىغا بىنائەن، <پراۋادا> گېزىتىنى تەسىس قىلغان. <ماركسىزم ۋە مىللىي مەسىلە> دېگەن كىتابنى يېزىپ، ماركسزمنىڭ مىللىي مەسىلە توغرىسىدىكى نەزەرىيىسى ۋە پروگراممىسىنى شەرھلەپ،لېنىننىڭ يۇقىرى باھاسىغا ئېرىشكەن. 1902 - يىلدىن 1917 - يىلغىچە، ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ جەمئىي يەتتە قېتىم قولغا ئېلىنىپ، ئالتە قېتىم سۈرگۈن قىلىنغان، سۈرگۈندىن بەش قېتىم قېچىپ كەلگەن. بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە، يەنىلا سۈرگۈندە بولغان. ئەمما ئۇرۇش، تىنچلىق ۋە ئىنقىلاپ مەسىلىسىدەلېنىننىڭ ئىنتىرناتسىئوناللىزىملىق مەيدانىدا چىڭ تۇرۇپ، سوتسىيال شوۋېنىزىمنى ئەيىبلىگەن. 1917 - يىلى فېۋرال ئىنقىلابىدىن كېيىن، 3 - ئاينىڭ 25 - كۈنى پېتروگرادقا قايتىپ كېلىپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تاپشۇرۇقىغا بىنائەن <پراۋدا> غا رەھبەرلىك قىلغان. پۈتۈن روسىيە بولشىۋىكلار پارتىيىسىنىڭ يەتتىنچى قېتىملىق ۋەكىللەر يىغىنى (ئاپرىل ۋەكىللەر يىغىنى ) غا قاتنىشىپ، لېنىننىڭ بورژۇئازىيە دېمۇكراتىك ئىنقلابىدىن سوتسىيالىستىك ئنقىلابقا بۇرۇلۇش لۈشىيەنىنى قەتئىي ئىجرا قىلغان ۋە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بيۇروسىنىڭ ئەزالىقىغا سايلانغان. 7 - 8 - ئايلاردا پارتىيىنىڭ 6 - قۇرۇلتىيىدا مەركىزىي كومىتىتېنىڭ خۇلاسە دوكلاتى ۋە نۆۋەتتىكى سىياسىي ۋەزىيەت توغرىسىدا دوكلات قىلىپ، پارتىيىنىڭ سوتسىيالىزىمنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن كۆرەش قىلىش ۋەزىپىسى ۋە تاكتىكىسىنى شەرھلىگەن. پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ 10 - ئايدىكى كېڭەيتىلگەن يىغىنىدا، قۇراللىق قوزغىلاڭغا رەھبەرلىق قىلىدىغان پارتىيە باش شىتابىغا سايلانغان. ئۆكتەبر ئىنقىلابى غەلىبە قىلغاندىن كېيىن، پۈتۈن روسىيە مەركىزىي ئىجرائىيە كومىتېتىنىڭ ئەزالىقىغا سايلانغان ھەمدە مىللىي ئىشلار خەلق كومىسسارى قاتارلىق ۋەزىپىلەرگە تەيىنلەنگەن. ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ <ئۆكتەبر ئىنقىلابى ۋە مىللىي مەسىلە>، <يەنە مىللىي مەسىلە توغرىسىدا> قاتارلىق ماقالىلەرنى يېزىپ، مۇستەملىكە ۋە يېرىم مۇستەملىكىلەردىكى مىللىي ئازادلىق ھەركىتىنىڭ پرولتارىيات سوتسىيالىستىك ئىنقىلابىنىڭ بىر قىسمىغا ئايلانغانلىقى توغرىسىدىكى نەزەرىيەنى دەلىللىگەن. 1918 - 1920 -يىللاردىكى سوۋېت دۆلىتىنىڭ ئىچكى ئۇرۇش مەزگىلىدە، جۇمھۇرىيەت ئىنقىلابى ھەربىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، غەربىي فرونت، جەنۇبىي فرونت، ۋە غەربىي جەنۇبىي فرونت ئىنقىلابىي ھەربىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ ئەزاسى بولغان. 1922 - 4 - ئايدىكى پارتىيىنىڭ 11 - قۇرۇلتىيىدا، مەركىزىي كومىتېتنىڭ باش سېكىرتارلىقىغا سايلانغان. شۇ يىلى 12 - ئايدىكى پۈتۈن روسىيە سوۋېتلەر 1 - قۇرۇلتىيىدا، سوۋېت سوتسىيالىستىك رېسپبلىكىلار ئىتتىپاقى (سوۋېت ئىتتىپاقى) قۇرۇش توغرىسىدا دوكلات قىلغان ھەمدە رېسپولىكىلار ئىتتىپاقىنى قۇرۇش جەھەتتە نۇرغۇن خىزمەتلەرنى ئىشلىگەن. لېنىن 1924 - يىلى 1 - ئاينىڭ 21 - كۈنى ۋاپات بولغاندىن كېيىن، ستالىن پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ ئاساسىي رەھبىرى بولۇش سۈپىتى بىلەن، لېنىنىزىم ئىشلىرىغا ۋارىسلىق قىلىپ ۋە ئۇنى قوغداپ، سوۋېت ئىتتىپاقى پارتىيىسى ۋە خەلقگە رەھبەرلىك قىلىپ، مەملىكەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى دۈشمەنلەر بىلەن قەتئىي كۆرەش قىلىپ، دۇنيا بويىچە تۇنجى پرولتارىيات دىكتاتۇرىلىقىدىكى دۆلەتنى قوغدىغان ھەمدە مۇستەھكەملىگەن؛ مەملىكەت ئىچىدە سوتسىيالىستىك سانائەتلەشتۈرۈش ۋە يېزا ئىگىلىكىنى كوللىكتىپلاشتۇرۇش لۈشىيەنىدە چىڭ تۇرۇپ، سوتسىيالىستىك ئۆزگەرتىش ۋە سوتسىيالىستىك قۇرۇلۇشنىڭ ئۇلۇغ مۇۋەپپىقىيەتلىرىنى قولغا كەلتۈرگەن. ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ <لېنىنىزىم ئاساسلىرى توغرىسىدا>، <ئۆكتەبر ئىنقىلابى ۋە روسىيە كۇممىنىستلىرىنىڭ تاكتىكىسى>، <لېنىنىزىم مەسىلىلىرىگە دائىر>قاتارلىق ئەسەرلىرىنى ئېلان قىلغان ھەمدە سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ 1936 - يىلىدىكى ئاساسىي قانۇنىنى تۈزۈشكە رەھبەرلىك قىلغان. 1941 - يىلى 5 - ئايدا ستالىن سوۋېت ئىتتىپاقى خەلق كومىسسىيارىياتىنىڭ رەئىسى بولغان. 6 - ئايدا دۆلەت مۇداپىئە كومىتېتىنىڭ رەئىسلىكىگە تەيىنلەنگەن. 8 - ئايدىن باشلاپ سوۋېت ئىتتىپاقى قۇراللىق كۈچلىرىنىڭ ئالىي باش قوماندانلىقىنى قۇشۇمچە ئۆتەپ، سوۋېت ئىتتىاقى ۋە ئارمىيىسى ۋە خەلقىنىڭ ئۇلۇغ ئۇرۇشىنى ئېلىپ بېرىشىغا رەھبەرلىك قىلىپ، فاشىزىمغا قارشى تۇرۇشنىڭ ئۇلۇغ غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرگەن. 1946 - يىلى 3 - ئايدا سوۋېت ئىتتىپاقى خەلق كومىتېتى مىنىستىرلار سپۋېتى دەپ ئۆزگەرتىلگەندىن كېيىن، مىنىستىرلار سوۋېتىنىڭ رەئىسى بولغان. 2195 - يىلى 10 - ئايدا سوۋېت كوممۇنىستىك (بولشېۋىكلار) پارتىيىسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ سىياسىي بيۇروسى سوۋېت ئىتتىپاقى كوممۇنىستىك پارتىيىسى مەركىزى كومىتېتنىڭ ھەيئەت رىياسىتىگە ئۆزگەرتىلگەندىن كېيىن، مەركىزىي كومىتېت ھەيئەت رىياسىتىنىڭ ئەزاسى ۋە مەركىزىي كومىتېت شۇجىچۇسىنىڭ سىكېرتارى بولغان. 1950 - يىلى <ماركسىزىم ۋە تىلشۇناسلىق مەسىلىلىرى> نى يېزىپ، ئىقتىسادىي بازس ۋە ئۈستقۇرۇلما، تىل، مىللەتلەرنىڭ تەرەققىيات ئىستىقبالى قاتارلىق مەسىلىلەرنى دەلىللىگەن. 1952 - يىلى <سوۋېت ئىتتىپاقىدا سوتسىيالىزىمنىڭ ئىقتىسادىي مەسىلىلىرى> نى ئېلان قىلىپ، سوتسىيالىستىك سىياسىي ئىقتىسادتىكى نۇرغۇن مۇھىم مەسىلىلەرنى مۇھاكىمە قىلغان. 1953 - يىلى 3 - ئاينىڭ 5 - كۈنى كىسەلدىن ساقىيالماي ۋاپات بولغان.