Uyghurئاساسىي لۇغەت
سىسترون
بىئولوگىيە
ئوڭ، تەتۈر كونفىگۇراتسىيىسى ئارقىلىق سىناپ ئېنىقلىنىدىغان ئىرسىي ماددىنىڭ فۇنكسىئونال بىرلىكى بولۇپ، ھازىر گېن بىلەن مەنىداش سۆز قاتارىدا قوللىنىلىدۇ. بىر سىسترون، DNA مولېكۇلىسىدىكى بىر بۆلۈك كۆپ نۇكلېئوتىد بولۇپ، ئۇ بىر ئاقسىل ياكى بىر تال پولى پېپتىد زەنجىرىنى بەلگىلەيدۇ ياكى ئىرسىي تەرجىمە قىلىنىشقا مۇناسىۋەتلىك بولغان بىر rRNA ياكى tRNA نى بەلگىلەيدۇ. ئوخشاش بىر سىستروننىڭ ئىككى نۇقتىسىغا مەنسۇپ بولغان مۇتاتسىيىلىك تىپى ئوڭ - تەتۈر ئورۇن ئېففېكتىگە ئىگە، يەنى ئوڭ كونفىگۇراتسىيىلىكى ياۋايى تىپ بولۇپ، تەتۈر كونفىگۇراتسىيىلىكى ياۋايى تىپ بولۇپ، تەتۈر كونفىگۇراتسىيىلىكى مۇتاتسىيىلىك تىپ ياكى كەمتۈك تىپ بولۇپ ئىپادىلىنىدۇ. ئوخشىمايدىغان سىسترونغا مەنسۇپ بولغان ئىككى مۇتاتسىيىلىك تىپ ئارىلىقىدا ئوڭ - تەتۈر ئورۇن ئېففېكتى بولمايدۇ، ئوڭ - تەتۈر كونفىگۇراتسىيىسى پۈتۈنلەي ياۋايى تىپلىق بولىدۇ. <ئوڭ كونفىگۇراتسىيە> ۋە <تەتۈر كونفىگۇراتسىيە> گە قاراڭ.