Uyghur←Chineseئاساسىي لۇغەت
سېسىق بەز
بىئولوگىيە
臭腺
chòuxiàn
ھايۋان تېنىدىكى بىر خىل بەز. ئاجرىتىپ چىقارغان ماددىسىنىڭ ئۇچۇشچانلىقى كۈچلۈك بولۇپ، ئالاھىدە پۇراققا ئىگە. ھاشاراتلارنىڭ نۇرغۇنلىغان تۈرلىرىنىڭ سېسىق بېزى بولىدۇ؛ مەسىلەن سۈۋەرەكنىڭ قورساق قىسمىنىڭ دۈمبە تەرىپىدە سېسىق بېزى بولۇپ، 6 ~ 7 - قورساق بوغۇمىنىڭ دۈمبە پلاستىنكىسىغا ئېغىز ئاچقانلىرى ئەڭ ئېنىق؛ يېرىم قاناتلىقلار ئەترىتىدىكىلەر مەسىلەن، چېرېپاشكا، چۇسا (چۈچۈن) قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسىنىڭ سېسىق بېزى بولۇپ، ئارقا كۆكرىكىنىڭ ئارقا پۇت ئاساسىي بوغۇمىغا يېقىن يېرىدە بىر سېسىق بەز تۆشۈكى بولىدۇ؛ شامال كېپىنىكىنىڭ لىچىنكىسىنىڭ ئالدىنقى كۆكرەك بوغۇمىنىڭ ئالدى تەرىپىدە ئاچىلاشقان سېرىق رەڭلىك خالتىسى بولۇپ، ئۇنىڭ ئىچىدە سېسىق بېزى بولىدۇ، دۈشمىنىگە يولۇققاندا ئۆرۈلۈپ سېسىق سۇيۇقلۇقىدىن ناھايىتى تېزلىك بىلەن بىر خىل چىرىگەن ماددىلارنىڭ پۇرىقى تارقىلىدۇ. ئومۇرتقىلىق ھايۋانلارنىڭ مەسىلەن، ئىپار كېيىكىنىڭ ئىپار بېزى، ئىپار مۈشۈكىنىڭ سېسىق بەزلىرىنىڭ ھەممىسى تېرە بەزلىرىدىن ئۆزگىرىپ كەلگەن سېسىق بەزلەردۇر. سېسىق بەزدىن ئاجرالغان ماددىلارنىڭ دۈشمىنىگە تاقابىل تۇرۇش ياكى جۈپتىنى جەلپ قىلىش رولى بار.
ئۇنىۋېرسال
臭腺
chòu xiàn