Uyghur←Chineseئاساسىي لۇغەت
سېرۋانتېس
ئىستېتىكا,دۇنيا يەر - جاي ناملىرى
塞万提斯
sāi wàn tí sī
دائىرە: دۇنيا تارىخى塞万提斯
sāi wàn tí sī
(1547 - 1616) ئىسپانىيىلىك يازغۇچى، ۋەيران بولغان ئاقسۆڭەك ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. 1571 - يىلى 10 - ئايدا، ئىسپانىيە - ۋېنېتسىيە فلوتىنىڭ تۈركىيە فلوتى بىلەن لېپانتو يېنىدا ئېلىپ بارغان دېڭىز ئۇرۇشىغا قاتناشقان. بۇ ئۇرۇشتائېغىر يارىدار بولۇپ، سول قولىدىن ئايرىلغان. 1575 - يىلى ۋەتەنگە قايتىش سەپىرىدە،دېڭىز قاراقچىلىرى تەرىپىدىن ئەسىرگە ئېلىىپ، ئالجىرىيىدە قامالغان. 1580 - يىلى تۇغقانلىرىنىڭ تۆلەم بېرىشى ئارقىسىدا ئەركىنلىككە ئېرىشىپ مادرىدقا قايتقان. كېيىن تۇرمۇش قىيىنچىلىقى بىلەن باجگىر بولغان ھەمدە ئومۇمنىڭ پۇلىنى ئوغرىلىدى،دەپ ئىككى قېتىم تۈرمىگە تاشلانغان.ئۇنىڭ ۋەكىللىك ئەسىرى - <دونكىخوت>. ئۇ تۈرمىدىكى ۋاقتىدا ماتېرىيال توپلاپ قويغان، مەزكۇر رومان جەمئىي ئىككى قىسىم بولۇپ، ئايرىم - ئايرىم ھالدا 1605 - يىل ۋە 1615 - يىلى ئېلان قىلىنغان. ئەسەردە ئاساسەن ⅥⅩ ئەسىرنىڭ ئاخىرى ۋە ⅦⅩ ئەسىرنىڭ باشلىرىدىكى ئىسپانىيە جەمئىيىتىنىڭ قاراڭغۇلۇق تەرىپى، رىتسارلار تەبىقىسىنىڭ زاۋالغا يۈز تۇتقانلىقى، چېركاۋنىڭ زورلۇق - زۇمبۇلۇقى ۋە خەلقنىڭ جاپا -مۇشەققىتى ئەكس ئەتتۈرۈلگەن، ئەدەبىيات - سەنئەتنىڭ قايتا گۈللىنىش دەۋرىدىكى بىر نادىر رىئالىزملىق رومان بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. باشقا مۇھىم ئەسەرلەردىن 1582 - يىلى ئېلان قىلىنغان <نۇرمېنسىيا> دېگەن تارىخىي تىراگىدىيەدە مىلادىدىن ئىلگىرى Ⅱ ئەسىردە ئىسپانىيەنىڭ نۇرمىنسىيا شەھىرىدىكى خەلقنىڭ قەدىمكى رىم ئىستېلاچىلىرىغا قەتئىي تىز پۈكمەي قارشى تۇرغانلىقى ھەققىدىكى ھېكايىلەر تەسۋىرلەنگەن. بۇنىڭدىن باشقا غايىۋى رومانى <گالېتىيا>، داستان <بالناس ساياھىتى>، سەككىز يېڭى كومىدىيە ۋە سەككىز قىستۇرما تىياتىر توپلىمى ۋە باشقىلار بار.
بۇ خەت ھەققىدە
بۇ ئۇيغۇرچە–خەنزۇچە لۇغەت خېتى.
بۇ تەرجىمە Lughet توپلىمىدىكى ئاساسىي لۇغەت دىن ئېلىندى.
بۇ سۆز Lughet توپلىمىدىكى باشقا مەنبەلەردىمۇ ئۇچرايدۇ — تۆۋەندىكى تىزىملىكنى كۆرۈڭ.