Uyghur←Chineseئاساسىي لۇغەت
سىرتقى توكسىن
بىئولوگىيە
外毒素
wàidúsù
ئاز ساندىكى كېسەللىك پەيدا قىلغۇچى گرام مۇسپىي خۇسۇسىيەتلىك باكتېرىيىلەر (مەسىلەن، بوغما تاياقچە باكتېرىيىسى، قاتما تاياقچە باكتېرىيىسى، بوتولىزم تاياقچە باكتېرىيىسى) ئۆسۈپ كۆپىيىش مەزگىلىدە ئەتراپتىكى مۇھىتقا ئاجرىتىپ چىقىرىدىغان بىر خىل كۈچلۈك زەھەرلەش خۇسۇسىيىتى بولغان مېتابولىزم مەھسۇلاتى. سىرتقى توكسىن ئۇنى ھاسى قىلغان باكتېرىيىنىڭ كېسەل كەلتۈرۈپ چىقىرىش سەۋەبچىسى. ئۇنىڭ خىمىيىلىك تەركىبى ئاقسىل بولۇپ، ئانتىگېنلىق خۇسۇسىيىتى ۋە زەھەرلەش كۈچى كۈچلۈك. ئۇ ئورگانىزمنىڭ توقۇلما ۋە ئورگانىزمغا نىسبەتەن تاللاش خۇسۇسىيەتكە ئىگە بولۇپ، ئوخشاش بولمىغان كېسەل قوزغاتقۇچى مىكرو ئورگانىزملار ھاسىل قىلغان سىرتقى توكسىننىڭ خۇسۇسىيىتى ۋە كەلتۈرۈپ چىقارغان كېسەللىك ئالامىتىمۇ ئوخشاش بولمايدۇ. سىرتقى توكسىننىڭ زەھەرلەش خۇسۇسىيىتى ئىنتايىن تۇراقسىز بولۇپ، ئىسسىقلىق ۋە بەزى خىمىيىلىك ماددىلار تەرىپىدىن ئاسانلا بۇزۇلۇپ كېتىدۇ. مېتىل ئالدېگىد بىلەن بىر تەرەپ قىلغاندا زەھىرىدىن ئايرىلىپ توكسوئىدقا ئايلىنىدۇ. بىراق ئانتىگېنلىقىنى ساقلاپ قالىدۇ. توكسوئىدنى ئورگانىزمغا ئالدىنى ئېلىش ئوكۇلى قىلغاندا ئورگانىزمدا سىرتقى توكسىننى نېيتراللاش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە ماددا - ئانتىتوكسىننى ھاسىل قىلىدۇ. ئانتىتوكسىن سىرتقى توكسىننى نېيتراللايدىغان بولغاچقا، دائىم سىرتقى توكسىن كەلتۈرۈپ چىقارغان كېسەللىكلەرنى داۋالاشقا ئىشلىتىلىدۇ.