Uyghur←Chineseئاساسىي لۇغەت
سېررايىللېر
دۇنيا تارىخى
塞拉叶
sāi lā yè
(تەخمىنەن 1840 - 3187) فرانسىيە ئىشچىلار ھەرىكىتى ئەربابى. بالىلىق دەۋرىدە ئاتىسى بىلەن بىللە لوندوندا سەرگەردان بولۇپ يۈرگەن، ئىشچى بولغان. لوندوندا ماركىس بىلەن تونۇشقان. 1869 -يىلىدىن باشلاپ بىرىنچى ئىنتېرناتسىئونال باش كومىتېتىنىڭ ئەزاسى بولغان؛ 1870 - يىلدىن باشلاپ بېلگىيە، گوللاندىيە ۋە ئىسپانىيىدە مۇخبىر سېكرىتار بولغان. 4 - سىنتەبر ئىنقىلابىدىن كېيىن، باش كومىتېتنىڭ ئەۋەتىشى بىلەن، پارىژغا بېرىپ، پارىژ ياچېيكىسىبىلەن ئالاقە باغلاش خىزمىتىگە مەسئۇل بولغان. 1871 - يىلى 4 - ئاينىڭ 16 - كۈنى پارىژ كوممۇناسىنىڭ ھەيئەتلىكىگە تولۇقلاپ سايلانغان ھەمدە ئەمگەك ۋە ئالماشتۇرۇش كومىتېتىنىڭ ئەزاسى بولغان. كوممۇنا مەغلۇپ بولغاندىن كېيىن لوندونغا قايتقان، فرانسىيە ھۆكۈمەت دائىرلىرى تەرىپىدىن سىرتتىن ئۆلۈم جازاسى بېرىلگەن. كېيىن بىرىنچى ئىنتېرناتسىئونالىنىڭ پائالىيەتلىرىگە داۋاملىق قاتناشقان ھەمدە ماركسىنىڭ ھۆكۈمەتسىزلەرگە قارشى كۈرىشىنى قوللىغان.