Uyghur←Chineseئاساسىي لۇغەت
سېرف
دۇنيا يەر - جاي ناملىرى
塞尔夫〈加〉
sāi ěr fū 〈jiā 〉
دۇنيا تارىخى
塞尔夫
sāi ěr fū
فرانسۇزچە Serf نىڭ ئاھاڭ تەرجىمىسى. مەنىسى - <يانچى>. ئوتتۇرا ئەسىردە غەربىي ياۋرۇپادىكى يانچىلار. كېلىش مەنبەسى بىرى يانچى (ئەسلى مەنىسى <قۇل> دېگەنلىك)؛ يەنە بىرى فېئوداللىشىش جەريانىدا ۋەيران بولۇپ كەتكەن يېزا جامائەسىدىكى ئەركىن دېھقانلاردىن ئىبارەت. سېرف خوجىداردىن بىر ئۈلۈشلۈك يەرگە ئىگە بولغان ھەمدە ئۆيلۈك - ئوچاقلىق بولۇپ، يەككە ئىگىلىك بىلەن شۇغۇللىنىشقىمۇ بولغان، شۇڭا قۇللارغا قارىغاندا ئۇلار بەلگىلىك ئىشلەپچىقىرىش ئاكتىپچانلىقىغا ئىگە. بىراق خوجىدارلارغا ئىشلەپ بېرىشكە (ئەمگەك بىلەن تۆلىنىدىغان يەر ئىجارىسى)، نوپۇس بېجى، نىكاھ بېجى تاپشۇرۇشقا ۋە چېركاۋغا ئۆشرە تاپشۇرۇشقا توغرا كەلگەن. جىسمانىي ئەركىنلىكى يوق. خوجىدرلار ئۇلارنى بەرگەن يەر بىلەن قوشۇپ باشقىلارغا ئۆتۈنۈپ بېرىشكە ياكى تەقدىم قىلىشقابولغان؛ ئەگەر ئۇلار قورقتىن قېچىپ كەتسە، خوجىدارنىڭ قوغلاپ تۇتۇپ كېلىش ھوقۇقى بولغان؛ ئۇلار ئۆز مال - مۈلكىنى خالىغانچە تەقسىم قىلالمايدۇ، ئەگەر ئۆلۈپ كەتسە، ئۇنىڭ ئۈستىگە ۋارىسى بولمىسا، ئۇلارنىڭ بارلىق مال - مۈلكى خوجىدارغا تەۋە بولىدۇ، ئەگەر ۋارىسى بولسا، خوجىدار مەرھۇمنىڭ مال - مۈلكىنىڭ ئىككىدىن بىر قىسمىغا ياكى ئۈچتىن بىر قىسمىغا ئىگە بولىدۇ. بۇ مىراس بېجى دەپ ئاتىلىدۇ. خوجىدارلار ئۇلارغا قارىتا يەنى تۇنجى كېچىلىكى ھوقۇقى قاتارلىق ئىمتىيازلارغا ئىگە. ⅢⅩ ئەسىردىن كېيىن ئەنگلىيە -فرانسىيە قاتارلىق دۆلەتلەردە تاۋار پۇل بىلەن تۆلىنىدىغان يەر ئىجارىسى پەيدىنپەي ئەمگەك بىلەن تۆلىنىدىغان يەر ئىجارىسى ۋەماددىي نەرسىلەر بىلەن تۆلىنىدىغان يەر ئىجارىسىنىڭ ئورنىنى باسقان. سېرف زور مىقداردا تۆلەم تاپشۇرۇش ئارقىلىق خوجىدارلارغا بېقىنىدىغان مۇناسىۋەتتىن قۇتۇلۇپ، ئاتالمىش ئەركىن دېھقانغا ئايلانغان.