Uyghurئاساسىي لۇغەت
سىر دەرىخى
بىئولوگىيە
سىر دەرىخى ئائىلىسىگە كىرىدۇ، يوپۇرماق تاشلايدىغان دەرەخ. تەركىبىدە سۈت بولىدۇ. قوۋزىقى ئاقۇچ كۈل رەڭ، يىرىك بولۇپ، ئۇزۇنسىغا رەتسىز يېرىلىدۇ؛ كىچىك توم ۋە يىرىك بولۇپ، قوڭۇررەڭ يۇمشاق تۈك ئۆسىدۇ، تاق سانلىق پەيسىمان مۇرەككەپ يوپۇرمىقى نۆۋەتلىشىپ ئۆسىدۇ، ئومۇمىي يوپۇرماق سېپىنىڭ تۈرى چوڭ بولىدۇ. ئۇششاق يوپۇرماقلىرى 9 - 15 تال بولۇپ، تۇخۇمسىماندىن ئېللىپىس شەكىللىكىچە بولىدۇ. ئوڭ - سول تەرىپى تەڭ بولمايدۇ، گىرۋىكى تولۇق، ئىككى يۈزىدىكى تومۇر ئۈستىدە قوڭۇر، قىسقا تۈكچىلەر ئۆسىدۇ، گۈلى كىچىك، ئارىلاش جىنىسلىق ياكى ئاتىلىق، ئانىلىق گۈلى ئايرىم تۈپتە ئۆسىدۇ، گۈلى يېشىل، زىچ ئۆسىدۇ؛ ئاتىلىق گۈلىدە ئاتىلىقى بەش دانە، ئارىلاش جىنىسلىق گۈلنىڭ گۈل كاسىسى بىلەن گۈلتاجىسى ئاتىلىق گۈلنىڭكى بىلەن ئوخشاش، مېۋە رېتى تۆۋەنگە ساڭگىلايدۇ، ئۈچكىلىك مېۋىسى يۇمىلاق ياكى بۆرەكسىمان، سارغۇچ قوڭۇر، پارقىراق، ئوتتۇا مېۋە پوستى موملاشقان، ئۈچكىسى قاتتىق بولىدۇ. كۈنگەي جايلاردا ئۆسىدۇ، كۆپىنچە تاغ باغرىنىڭ كۈنگەي جايلىرىدا ئۆسىدۇ. ئۇنىڭ ئۆسۈشى تېز بولۇپ ئەسلى ئوتتۇرا جۇڭگودا، ھازىر مەملىكەتنىڭ ھەممىلا يېرىدە ئۆستۈرۈلىدۇ. ياپونىيە ۋە ھىندىستاندىمۇ بار. شېخىنى كەسكەندە سۇغا ئوخشاش سۈت چىقىدۇ، ئۇرۇقىدىن ماي تارتىلىدۇ، مېۋە پوستىدىن مۇم ئاجرىتىلىدۇ، يوپۇرمىقدىن كاشتان يېلىمى ئاجرىتىلىدۇ، يىلتىز ۋە يوپۇرمىقى دېھقانچىلىق دورىسى قىلىنىدۇ.