Uyghur←Chineseئاساسىي لۇغەت
سېربىيە ئۇيۇشمىسى
دائىرە: دۇنيا تارىخى塞尔维亚协会
sài ěr wéi yà xié huì
سېربىيە ئىلىم - پەن، ئەدەبىيات - سەنئەت ۋە مەدەنىيەت - مائارىپ تەشكىلاتى. ئۇنى سېربىيە يازغۇچىسى ۋە قانۇنشۇناسى ئى. خاچېچ ھەم سېربىيە سودىگەرلىرى 1826 - يىلى 2 - ئايدا چېستتا قۇرغان. جەمئىيەتنىڭ مەقسىتى - سېربىيە مەدەنىيىتىنىڭ تەرەققىياتىنى ئالغا سۈرۈشتىن ئىبارەت. يۇگوسلاۋىيە قوشما شتات خەلق جۇمھۇرىيتى قۇرۇلغاندىن كېيىن بۇ تەشكىلات ئىلىم - پەن ۋە مەدەنىي - مائارىپ مەركەزلىرىنىڭ بىرى بولۇپ قالغان. ئۇنىڭ قارىمىقىدا ئەدەبىيات، ئىلىم - پەن، تارىخىي ھۆججەت ۋە سەنئەتتىن ئىبارەت تۆت شۆبە جەمئىيەت ھەمدە رەسىم كۆرگەزمىسى، نەشرىيات قاتارلىق ئورگانلار تەسىس قىلىنغان ھەمدە مەخسۇس ئىلىم - پەن نەشرىياتى ۋە قەرەللىك ژورنال <يىللىق مەجمۇئە> نەشىر قىلىنغان.
بۇ خەت ھەققىدە
بۇ ئۇيغۇرچە–خەنزۇچە لۇغەت خېتى.
بۇ تەرجىمە Lughet توپلىمىدىكى ئاساسىي لۇغەت دىن ئېلىندى.
بۇ سۆز Lughet توپلىمىدىكى باشقا مەنبەلەردىمۇ ئۇچرايدۇ — تۆۋەندىكى تىزىملىكنى كۆرۈڭ.