Uyghur←Chineseئاساسىي لۇغەت
سېر
دۇنيا يەر - جاي ناملىرى
赛尔〈法〉
sài ěr 〈fǎ 〉Dتېببىي
丝氨酸
sī ān suān
دۇنيا تارىخى
爵士
jué shì
ياۋرۇپادىكى بەزى پادىشاھلىق ئەللەردىكى ئەڭ تۆۋەن مەرتىۋە. مەنىسى ھەمراھ دېگەنلىك، كېيىن رىتسار دەپمۇ چۈشەندۈرۈلگەن. ئوتتۇرا ئەسىردە ياۋرۇپادىكى فېئودال پادىشاھلىقلار ئوتتۇرىسىدا دائىم ئۇرۇش بولۇپ تۇرغان. رىتسارلار پادىشاھقا، خان جەمەتىگە سادىق ئاساسىي قوشۇن بولۇپ، پادىشاھ ياكى چوڭ فېئوداللار (يەنى كىنەز، ماركىز، گراف، ۋىكونت، بارون قاتارلىق ئاقسۆڭەكلەر) تەرىپىدىن بېرىلگەن. ئۇنىڭ دەرىجىسى باروندىن تۆۋەن. ئۇنىڭدىنمۇ تۆۋەن مەرتىۋە بېرىشكە بولمايدۇ. ئوق - دورىلارنىڭ بارلىققا كېلىشى بىلەن ئوقيا، خەنجەر ئىشلىتىدىغان رىتسارلارنىڭ قۇدرىتى زور دەرىجىدە ئاجىزلاپ كەتكەچكە تارىخ سەھنىسىدىن چېكىنىپ چىققان. رىتسارلىق مەرتىۋىسى بېرىش تۈزۈمى شەرەپ ئۇنۋانى بېرىشكە يەنى سېر ئۇنۋانى بېرىشكە ئۆزگەرگەن. بۇ يەنە ( تۆۋەن، ئوتتۇرا، يۇقىرى) ئۈچ دەرىجىگە بۆلۈنگەن. ئەنگلىيەدە بۇ ئۇنۋاننى بېرىشتە پۇقرا ۋە ئاقسۆڭەك دەپ ئايرىلمىغان. ئۇنىڭغا ۋارىسلىق قىلىنمىغان. فرانسىيىدە كىنەز، ماركىز، گراف قاتارلىقلارنىڭ تۇنجى ئوغلىدىن باشقا ئوغۇللىرىغا مۇشۇ ئۇنۋان بېرىلگەن. تارىختا نۇرغۇن دۆلەتلەردە سېر تۈزۈمى يولغا قويۇلغان. بۈگۈنكى كۈندە ئەنگلىيىدە يەنىلا ساقلانماقتا. گېرمانىيىدە بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن بىكار قىلىنغان، روسىيىدە ئۆكتەبر ئىنقىلابىدىن كېيىن بىكار قىلىنغان.