Uyghurئاساسىي لۇغەت
سىقماق
مەنىداش سۆزلۈكلەر
ئارىغا ئېلىپ باسماق، ئىلىۋالماق
ئىككى تاۋۇزنى قولتۇققا قىسقىلى بولماس. ئۇ سىقىپ سۈيىنى ئىچىدىغان بېخىل.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
پىئېل
ئوراپ، چاڭگاللاپ تۇتماق؛ قاماپ مۇجۇماق، قىسماق.
ئاسىم ئەكبەرنىڭ مۇشتلىرىنى تۇتتى ۋە قاتما ئالىقانلىرى بىلەن چىڭ سىقتى.
مۇجۇپ، تولغاپ تەركىبىدىكى سۈيىنى چىقارماق.
ھۆل كىيىمنى سىقماق.
كۆچمە. ئورۇنسىز تەلەپ، شەرت ياكى بوھتان قاتارلىقلار بىلەن كىشىگە زۇلۇم كەلتۈرۈپ قىينىماق، ئازابلىماق.
چېرىكلەر سارايۋەننىڭ ئۆيىنى قورشىۋېلىپ، <ئۇچقۇن پاقىنى تېپىپ بەر> دەپ سىقتى.
بوغۇلماق، قىيىنلاشماق.
بىردەمدىن بىردەمگە قىستىغان يۆتەل، دەم سىقىشلار ئۇنىڭ ئېسىگە ئاللىقانداق يامان ئىشلارنى سالاتتى.