Uyghur←Chineseئاساسىي لۇغەت
سپىخالسكى
دۇنيا تارىخى
斯彼哈尔斯基
sī bǐ hā ěr sī jī
(1906 - 1980)، پولشا دۆلەت ئىشلىرى كومىتېتىنىڭ رەئىسى، خەلق بىرلىك سېپى مەملىكەتلىك كومىتېتى ھەيئەت رىياسىتىنىڭ رەئىسى، مارشال. ۋارشاۋا سانائەت داشۆسىنىڭ بىناكارلىق فاكولتېتىنى پۈتتۈرگەن. 1931 - يىلى كوممۇنىستىك پارتىيىگە كىرگەن. پولشانى ناتسىستلار گېرمانىيىسى ئىشغال قىلىۋالغان مەزگىلدە، <ئازادلىق كۈرەش ئىتتىپاقى> ۋە پولشا ئىشچىلار پارتىيسى (تەكتى پولشا كوممۇنىستىك پارتىيىسى)نىڭ فاشىزمغا قارشى يەر ئاستى پائالىيىتىگە قاتناشقان. 1944 - يىلى پولشا خەلق ئارمىيىسىنىڭ باش شتاب باشلىقلىقىغا، ۋارشاۋا شەھىرىنىڭ باشلىقلىقىغا تەيىنلەنگەن. ئىككىنچى يىلى پولشا ئىشچىلار پارتىيىسى مەركىزى كومېتىت سىياسىي بيۇرۇسىنىڭ ئەزالىقىغا سايلانغان. خەلق ئارمىيىسىنىڭ مۇئاۋىن باش قوماندانى، دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىكىنىڭ بىرىنچى مۇئاۋىن مىنىستىرى بولغان. 1948 -يىلى 12 - ئايدا پولشا ئىشچىلار پارتىيىسى بىلەن سوتسىيالىستلار پارتىيىسى بىرلىشپ، پولشا بىرلەشكەن ئىشچىلار پارتىيىسى تەشكىل قىلىنغان چاغدا، مەركىزىي كومىتېت ئەزالىقىغا ۋە سىياسىي بيۇرۇ ئەزالىقىغا سايلانغان. 1949 - يىلى 11 - ئايدا بەدنام تۈپەيلىدىن مەركىزىي كومىتېت ئەزالىقىدىن چىقىرىلغان، ئىككىنچى يىلى قولغا ئېلىنغان. 1956 -يىلى قاماقتىن بوشىتىلىپ، 10 - ئايدا مەركىزىي كومىتىت ئەزالىقى ئەسلىگە كەلتۈرۈلگەن ھەمدە پولشا بىرلەشكەن ئىشچىلار پارتىيىسىنىڭ 3 -، 4 -، 5 - قۇرۇلتايلىرىدا سىياسىي بيۇرۇ ئەزالىقىغا سايلانغان. 1956 - 1968 - يىللاردا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى بولغان ۋە مۇشۇ جەرياندا مارشاللىق ئۇنۋانى بېرىلگەن. 1968 - 1970 - يىللاردا دۆلەت ئىشلىرى كومىتېتىنىڭ رەئىسى ۋە خەلق بىرلىك سېپى مەملىكەتلىك كومىتېتىنىڭ رەئىسى بولغان. 1970 - يىلى 12 - ئايدىكى 5 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتنىڭ 7 - ئومۇمىي يىغىنىدا، سىياسىي بيۇرۇ ئەزالىق ۋەزىپىسى ئېلىپ تاشلانغان. كېيىن ۋارشاۋادا ۋاپات بولغان.