Uyghur←Chineseئاساسىي لۇغەت
سپىتامېن قوزغىلىڭى
دۇنيا تارىخى
斯皮泰门起义
sī pí tài mén qǐ yì
قەدىمكى ئوتتۇرا ئاسىيا خەلقىنىڭ ماكىدونىيە پادىشاھى ئالېكساندرنىڭ تاجاۋۇزچى قوشۇنىغا زەربە بەرگەن قوزغىلىڭى. مىلادىدىن 329 يىل ئىلگىرى، ئالېكساندرنىڭ يىراققا يۈرۈش قىلغان قوشۇنى سوغدىيانا ۋە باكتېرىيىلەرگە بېسىپ كىرگەن، يەرلىك كۆچمەن چارۋىچى قەبىلە سپىتامېننىڭ رەھبەرلىكىدە ھەمدە ماسساگېتلار ۋە ساكاسلارنىڭ ياردىمىدە، ئىككى يىلغا يېقىن قەيسەرلىك بىلەن قارشىلىق كۆرسىتىپ، پايتەخت ماراكاندا (ھازىرقى سەمەرقەند)نى بىرمەھەل قايتۇرۋېلىپ، تاجاۋۇزچىلارغا قاتتىق زەربە بەرگەن. كېيىن ئالېكساندر قوشۇنىنىڭ قورشاپ يوقىتىشىغا ئۇچراپ مەغلۇپ بولغان، سپېتامېن قۇربان بولغان.