Uyghur←Chineseئاساسىي لۇغەت
سپىروگىرا
بىئولوگىيە
水绵
shuǐmián
يېشىل يۈسۈنلەر تىپى زىگنېما يۈسۈنى ئائىلىسىگە كىرىدۇ. يۈسۈن تېنى ئۇزۇن، شاخلانمىغان، يىپسىمان تەن بولۇپ، بەزىدە يالغان يىلتىزسىمان شاخلىنىدۇ. ۋېگېتاتىۋلىق ھۈجەيرىسى سىلىندىرسىمان بولۇپ، ئىچىدە 1 - 16 تال پىگمېنت تەنچىسى بولىدۇ. پىگمېنت تەنچىسى تاسمىسىمان بولۇپ، بۇرمىسىمان ھالەتتە ئەتراپقا جايلىشىدۇ، ھەر بىر پىگمېنت تەنچىسىدە بىر قاتار ئاقسىللىق يادرو بولىدۇ. ھۈجەيرىسىدە بىر چوڭ ۋاكۇئولا بولۇپ، ئوتتۇرىسىدا ھۈجەيرە يادروسى ئېسىلىپ تۇرىدۇ. پروتوپلازما يىپچىسى ئارقىلىق ھۈجەيرە ئەتراپىدىكى پروتوپلازمىلار تۇتىشىپ كۆپىييدۇ. جىنىسلىق كۆپىيىشتە يەنە شوتىسىمان قوشۇلۇپ كۆپىيىش، يان يۈزىدىن قوشۇلۇپ كۆپىيىش ۋە بىۋاستە قوشۇلۇپ كۆپىيىشكە بۆلۈنىدۇ. قوشۇلغاندىن كېيىن شەكلى كۆپ خىل بولغان قوشۇلغۇچى سپورىلارنى ھاسىل قىلىدۇ، بۇ تۈرلەرنى تاكسونومىيىلەشنىڭ مۇھىم ئاساسى قىلىنىدۇ. قوشۇلغۇچى سپورا سۇنىڭ ئاستىغا چۆكۈپ تىنچلىنىدۇ، مۇھىت ياخشىلانغاندا بىخلىنىدۇ. بىخلىنىش ۋاقتىدا قوشۇلغۇچى سپورا يادروسى سان كېمەيتىپ بۆلۈنۈپ تۆت دانە يادرو ھاسىل قىلىدۇ، بۇنىڭ ئىچىدىكى ئۈچ دانە يادرو رۇدىمېنتلىشىپ كېتىدۇ، بىر يادرولۇق ھۈجەيرە يېتىلىپ يېڭى يۈسۈن تەنچىسىگە ئايلىنىدۇ. كۆپلەپ كۆپەيگەندە بېلىق بېقىشقا ۋە شال مايسىلىرىنى ئۆستۈرگىلى بولمايدۇ.