Uyghurئاساسىي لۇغەت
سپارتاك ئىتتىپاقى
دۇنيا تارىخى
گېرمانىيەسولچى سوتسىيال -دېموكراتلارنىڭ ئىنقىلابىي تەشكىلاتى. ئەسلىدىكى <ئىنتېرناتسىئونالچىلار> نىڭ ئاساسىدا شەكىللەنگەن. 1916 - يىلى1 - ئاينىڭ 1 - كۈنى، <ئىنتېرناتسىئونالچىلار> مەملىكەتلىك يىغىنىدا قەدىمكى رىم قۇللار قوزغىلىڭىنىڭ داھىيىسى سپارتاك نامىدا مەخپىي سىياسىي ئاخبارات <سپاراتاكنىڭ خەت- چەكلىرى> ئېلان قىلىنىپ، ئىنقىلابىي تەشۋىقات - تەرغىبات خىزمىتى ئىشلەنگەن، شۇ سەۋەپتىن <سپارتاكچىلار> دەپ ئاتالغان. 1918 -يىلى 11 - ئاينىڭ 11 - كۈنى سپارتاك ئىتتىپاقى رەسمىي قۇرۇلغان. ئۇنىڭ ئاساسىي رەھبەرلىرى كارل لىبكنېخت، ر. ليۇكسېمبۇرگ، مېرنگ قاتارلىقلار ئىدى. ئەمما بۇ ئىتتىپاق گېرمانىيە سوتسىيال دېموكراتلار پارتىيىسىدىن تەشكىلىي ئالاقىسىنى ئۈزۈل - كېسىل ئۈزمىگەن، بەلكى گېرمانىيە مۇستەقىل سوتسىيال دېموكراتلار پارتىيىسىگە بىر گورۇھ سۈپىتىدەقاتناشقان. 1918 - يىلقى گېرمانىيە نويابرئىنقىلابى مەزگىلىدە، بۇ ئىتتىپاق گېرمانىيە جاھانگىرلىكىنىڭ تالان - تاراج قىلىش سىياسىتىنى ۋە گېرمانىيە سوتسىيال دېموكراتلارپارتىيىسىنىڭ ئوڭ قانات يولباشچىلىرنىڭ خائىنلىق قىلمىشىنى پاش قىلىپ، <بارلىق ھاكىمىيەت سوۋېتلەرگە مەنسۇپ>شوئارىنى ئوتتۇرغا قويغان. ئىتتىپاقنىڭ 1918 - يىلى 12 - ئايدا ئۆتكۈزۈلگەن مەملىكەتلىك ۋەكىللەر يىغىنىدا، گېرمانىيە كوممۇنىستىك پارتىيىسى رەسمىي قۇرۇلغان. <قىزىل بايراق> گېزىتىنى چىقارغان.