Uyghurئاساسىي لۇغەت
سوۋېت قىزىل ئارمىيىسى
دۇنيا تارىخى
تولۇق ئاتىلىشى - سوۋېت ئىشچى - دېھقانلار قىزىل ئارمىيسى. 1946 - يىلىدىن ئاۋۋالقى سوۋېت ئىتتىپاقى قوراللىق كۈچلىرىنىڭ رەسىمىي نامى.1918 - يىلى قۇرۇلغان. 1918 - يىل 2 - ئاينىڭ 23 - كۈنى تۇنجى تۈركۈم قىزىل ئارمىيە ارۋا ۋە پىسكوۋدا گېرمانىيە ئارمىيىسىنىڭ پايتەخت پېترۇگرادقا قىلغان ھۇجۇمىنى زەربە بىلەن چېكىندۈرگەنلىكتىن بۇ كۈن سوۋېت ئارمىيىسنىڭ قۇرۇلۇش بايرىمى قىلىپ بەلگىلەنگەن. 1946 - يىلى فېۋرالدا سوۋېت ئىتتىپاقى ئارمىيىسى دەپ ئاتالغان.