Uyghurئاساسىي لۇغەت
سوتسىيالىستلار پارتىيىسى خەلقئارا ئىشچىلاربىرلەشمىسى
دۇنيا تارىخى
ئادەتتە ئىككى يېرىمىنچى ئىنتېرناتسىئونال دېيىلىدۇ. ېنا ئىنتېرناتسىئونالى دەپمۇ ئاتىلىدۇ. 1921 - يىلى 2 - ئايدا كائۇتىسكى باشچىلىقىدىكى گېرمانىيە مۇستەقىل سوتسىيال دېموكراتلار پارتىيىسى، ئەنگلىيە مۇستەقىل ئىشچىلار پارتىيىسى قاتارلىق 13 دۆلەتنىڭ <بىتەرەپ> سوتسىيالىستلار پارتىيىلىرى ۋېنادا قۇرغان خەلقئارالىق تەشكىلات. ئاۋسترىيە سوتسىيال دېموكراتلار پارتىيىسىنىڭ كاتتىبېش فېرېدرىخ ئادلېر (1879 - 1960) باش سېكرىتار بولغان. ئۇلار، ئۆزلىرىنى سىياسىي جەھەتتە ئىككىنچى ئىنتېرناتسىئونال بىلەن ئۈچىنچى ئىنتېرناتسىئونال ئارىسىدا تۇرغۇچىلار دەپ ماختىغان، ئەمەلىيەتتە ئىككىنچى ئىنتېرناتسىئونالنىڭ ئاغمىچىلىق لۇشيەنىنى يولغا قويغان، بۇرژۇئا ئىسلاھاتچىلىقىنى ۋە پاتىسفىزمنى تەرغىپ قىلغان، سىنىپىي مۇرەسسەچىلىكنى تەشەببۇس قىلىپ، ئىشچىلار قوشۇنىنى پارچىلاپ، كاپىتالىستىك تۈزۈمنى قوغداپ كەلگەن ھەمدەئىشچىلار ئاممىسىنىڭ ئۈچىنچى ئىنتېرناتسىئونال تەرىپىگە ئۆتۈشىگە توسقۇنلۇق قىلىپ، كوممۇنىستلارنىڭ ھەرقايسى ئەللەر خەلقى ئىچىدىكى تەسىرىنىڭ كۈنسېرى ئۆسۈپ بېرىشىنى ئاجىزلاشتۇرماقچى بولغان. لېنىن مۇنداق دەپ كۆرسەتكەن: <ئىككى يېرىمىنچى ئىنتېرناتسىئونالدىكى جانابلار ئۆزلىرىنى ئىنقىلاپچى دەپ ئاتاشنى تولىمۇ ئارزۇ قىلىدۇ، بىراق ئەمەلىيەتتە ھالقىلىق پەيتلەرگە كەلگەندە، ئەكسىلئىنقىلاپچىلارغا ئايلىنىپ كەتتى> (<لېنىن تاللانما ئەسەرلىرى> 4 - توم، خەنزۇچە نەشرى 557 - بەت). 1923 - يىلى 5 - ئايدا بېرنې ئىنتېرناتسىئونالى بىلەن بىرلىشىپ سوتسىيالىستىك ئىشچىلار ئىنتېرناتسىئونالى بولغان.