Uyghurئاساسىي لۇغەت
سوقۇشماق
مەنىداش سۆزلۈكلەر
ئىككى كىشى ياكى ئۇنىڭدىن كۆپرەك كىشى ئاساسەن مۇشت بىلەن ۋە ياكى تاياق توقماقتەك ۋاستىلەر بىلەن بىر - بىرىنى ئۇرۇپ جېدەل چىقارماق.
<چاچلاشماق> ئاياللار ئۇرۇشقانغا قارىتىلىدۇ.
بەزىدە تىل بىلەن چىشمۇ ئۇرۇشىدۇ. ئاۋۋال سوقۇشۇپ، ئاندىن دوست بول. مۇشتلاشماقتىن ئىككىلا تەرەپ زەخمەت يەيدۇ. ياقىلاشقاننىڭ ياقىسى يىرتىق. توختىغان بىلەن تۇرسۇنخان چاچلاشسا، تۇراخۇن ئاجرىتالماس. ياقا تۇتۇشقانغا يالۋۇرما. ياقا سىقىشقاقلارنى ئاجراتما، ياقىسى يىرتىلغاندا توختايدۇ.
قەدىمكى ئۇيغۇر تىلى سۆزلۈكلىرى
(1) تىقىلماق، سانجىلماق، تۇتۇشماق؛ (2)قارشىلاشماق، ئۇرۇشماق
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
پىئېل
<سوقماق Ⅲ> پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى.
يەتتە - سەككىز ئادەم ئۇنىڭغا ئۈچ كۈن سوقما تام سوقۇشۇپ بەردى.
جەڭ، كۈرەش قىلماق.
- مەن ئېيتسام، يەنە سوقۇش بولۇپ قالسا، پىلان بىلەن سوقۇشساق بولىدۇ، - دېدى پىشقەدەم پەيجاڭ.
جېدەل پەيدا قىلماق، ئۇرۇش - تالاش قىلماق، جېدەللەشمەك، ماجىرالاشماق، غوۋغا چىقارماق.
ئاۋۋال سوقۇشۇپ، ئاندىن دوست بول (ماقال).