Uyghurئاساسىي لۇغەت
سوقا
ئاھاڭداش سۆزلەر
ئىسىم.
ساپان.
چىشلىق سوقا. * يەرگە سوقا سالماق.
ئاھاڭداش سۆزلەر
ئىسىم.
شال ئاقلايدىغان سايمان.
شالنى سوقا بىلەن ئاقلىماق.
ئاھاڭداش سۆزلەر
ئىسىم.
كۇرۇشكا (قۇمۇل شېۋىسىدە ) .
ئاھاڭداش سۆزلەر
سۈپەت.
سوقىچاق.
سوقا باش. * سوقا چىلان.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
يەر ئاغدۇرۇشتا ئىشلىتىلىدىغان، چۆيۈن چىشلىق ئاددىي دېھقانچىلىق سايمانلىرى.
ساپان سالغان يەر ساندا بار. قوشتىن چىقىرىپ، سۆرەمگە ساپتۇ. سوقا دېھقاننىڭ ئىشەنچىلىك دوستى. بۇقۇسىدىن تېخى قۇتۇلالمىدۇق _ دەيدۇ دېھقان، _ خەقلەر تۆمۈر سوقىنى تراكتورغا سۆرىتىپ، يەر ھەيدىشىۋاتىدۇ.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
نەرسىنى ئۇۋاقلاش، پوستىدىن ئايرىش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدىغان، ياغاچ ياكى مېتالدىن ياسالغان بۇيۇم، نەرسە سالىدىغان ئىدىش ۋە ئۇرىدىغان سوقماقتىن ئىبارەت بولىدۇ.
ۋاقتى ئۆتكەن ھاۋانچىنىڭ تېگى چۈشەر. ھاي دېسەڭ ھاۋانچىنى سۇندۇرىدۇ. سېپى سۇنسا، كىيىلىمۇ تۈگەيدۇ. ئوغۇر ئوغرىلىقنى كۆتۈرمەيدۇ. سوقىدا شال ئاقلاتتۇق.
شىۋىلەر
قۇمۇل شىۋىسى
چاي ئىچىدىغان كۇرۇشكا.
شىۋىلەر
يۇمۇلاقنىڭ ئەكسى. مەسىلەن: سوقا باش، سوقا قوغۇن ( « سوققا » مۇ دېيىلىدۇ.)
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
سۈپەت
بەك يۇمىلاقمۇ، ئۇزۇنمۇ ئەمەس، تۇخۇم شەكلىدىكى.
سوقا چىلان. سوقا تاش.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
سۇ، قول، پۇت ياكى توك ئارقىلىق ھەرىكەتلەندۈرۈلۈپ، شالنى ئاقلايدىغان ھاۋانچا شەكىللىك قۇرۇلما.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
« ساپان» غا قاراڭ.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
دىئال. كۇرۇشكا.