Uyghurئاساسىي لۇغەت
سونار
جەڭ مەيدانىدىكى «كۆز»ۋە مۇھاپىزەت
ئەڭ دەسلەپتىكى مۇنتىزىم سۇ ئاستى پـاراخـوتىـدىـن ھازىـرقـى يـادرو ئېنېرگىيىلىك سۇ ئاستى پاراخوتىغىچە بولغانلارنىڭ ھەممىسى چوڭقۇر سۇ ئاستىدا يـۈرەلـەيـدۇ، ئۇلارنى بايقاش قىيىن بولسىـمۇ، لـېـكـىـن ئۇلارنـىـڭ سـۇ ئاسـتـىـدىـكـى ھەرىكىتى ئاۋاز چىقىرىدۇ، ئىسسىقلىق ئېنېرگىيىسـى ئاجـرىـتـىـدۇ، ئاۋاز دولقۇنىنى قايتۇرىدۇ، كېرەكسىز گاز چىقىرىـدۇ، ئۇنـىـڭـدىـن بـاشـقـا، شـۇ جايدىكى يەر ماگنىت ئىندۇكسىيىسىدە ئۆزگىرىش پەيدا قىلىدۇ. كىـشـىـلـەر سۇ ئاستى پاراخوتىدىكى تۈگەتكىلى بولمايدىغان بۇ خىـل »نـۇقـسـانلار«دىـن پايدىلىنىپ، ئىلىم - پەنگە تايىنىـپ،سـۇ ئاسـتـى پـاراخوتـىـنـى مـەخـسـۇس ئىزدەيدىغان ئۈسكۈنە − سونارنى تەتقىق قىلىپ چىقتى.
سونار ئايـروپـىلاندا ئېلىپ يۈرۈلىدىغان، پاراخوتتا ئېلىپ يۈرۈلىدىغان ۋە مۇقىم شەكىللـىـك دەپ ئۈچ خىلغا ئايرىلىدۇ. ئايـروپـىلاندا ئېلىپ يۈرۈلىدىغان سونـار ئاسـاسـەن ئاسما قۇرۇلما، قويۇپ بېرىش قۇرۇلمىـسـى، قـوبـۇلـلـىـغـۇچ، تـەسـۋىـر كۆرسەتكۈچ، ئېلېكتر مەنبەسى، كـونـتـرول تـاخـتـىـسـى ۋە ئېـنـېـرگـىـيـە ئالماشتۇرۇش ئۈسكۈنىسى قاتارلىقلاردىن تەركىب تـاپـىـدۇ، بـۇلار ئۆزئارا ماسلىشىپ، سۇ ئاستى پاراخوتىنى ئىـزدەش ۋەزىـپـىـســنى بـىـرلـىـكـتـە تاماملايدۇ. ئايـروپـىلاندا ئېلىپ يۈرۈلىدىغان سونار تىك ئۇچار ئايروپـىلانـغـا ئورۇنلاشتۇرۇلىدۇ، ۋەزىپە ئىجرا قىلغاندا ئايـروپـىلان بـەلـگـىـلـەنـگـەن دېڭىز رايونىدىكى دېڭىز يۈزىگە10 نەچچە مېتـىـر كـېـلـىـدىـغـان تـۆۋەن بوشلۇقتىن ئېنېرگىيە ئالماشتۇرغۇچنى دېڭىز سۈيىدىكى مەلۇم چوڭقۇرلۇققـا سالىدۇ، قويۇپ بېرىش قۇرۇلمىسى يۇقىرى چاستوتىـلـىـق ئالـمـاشـتـۇرۇش سىگنالىنى پەيدا قىلىپ، ئېنېرگىيە ئالماشتۇرغۇچقا يوللاپ بېرىدۇ. ئېنېرگىيـە ئالماشتۇرغۇچ ئېلېكتر سىگنالىنى ئاۋاز دولقۇنىغا ئايلاندۇرۇپ، دېڭىزغا قويۇپ بېرىدۇ، قوبۇللىغۇچ قايتقان سىگنالنى تاپشۇرۇۋالغانـدىـن كـېـيـىـن، ئۇچۇرلارنى چوڭايتىپ، تەسۋىر كۆرسەتكۈچكە چىقىرىپ بېرىدۇ، تەسـۋىـر كۆرسەتكۈچ كۆرگـىـلـى، تـۇتـقـىـلـى بـولـمـايـدىـغـان ئۇچۇرلارنـى ئادەم ئاڭلىيالايدىغان سادا ۋە كۆرەلەيدىغان نۇر نۇقتىسىغا ئايلانـدۇرىـدۇ، ئۇچقۇچى بۇ ئارقىلىق سۇ ئاستى پاراخوتىنىڭ ئايروپـىلان بـىـلـەن بـولـغـان ئارىلىقى ۋە يۆنىلىشىگە دائىر سانلارنى بىلەلەيدۇ.
نەچچە100 كىلومېتىر يىراقلىقتىكى يادرو سۇ ئاستى پاراخوتلـىـرىـنـى تەكشۈرۈش ئۈچۈن، چەت ئەللەر يەنە دېڭىز بوغۇزى ۋە ئارال ئەتراپلـىـرىـغـا ئورۇنلاشتۇرۇلىدىغان مۇقىم شەكىللىك سونارلارنى تەتقىق قـىـلـىـۋاتـىـدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، سونار پرىنسىپىدىن پايدىلىنىلغان سۇ ئاستى پاراخـوتـىـغـا قارشى تورپېدانى تەتقىق قىلىپ چىقتى. بۇ خىـل تـورپـېــدا دۈشـمـەن سـۇ ئاستى پاراخوتىنىڭ پورتـى سـىـرتـىـدىـكـى چـوڭـقـۇر دېـڭـىـز ئاسـتـىـغـا ئورۇنلاشتۇرۇلىدۇ، دۈشـمـەن سـۇ ئاسـتـى پـاراخـوتـلىـرى قـوزغـالـغـانـدا، تورپېدادىكى سونار ئۇنىڭ ئاۋازىنى قوبۇل قىلـىـپ، ئۆزلـۈكـىـدىـن قـويـۇپ بېرىلىپ، سۇ ئاستى پاراخوتىنى پاچاقلاپ تاشلايدۇ.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
ئىنگلىزچە
فىزىكا
ئۇلترا ئاۋاز دولقۇنىنىڭ سۇدىكى تارقىلىشى ۋە قايتىشىدىن پايدىلىنىپ يول باشلايدىغان ۋە ئارىلىقنى ئۆلچەيدىغان تېخنىكا ياكى شۇنداق ئەسۋاب. ھەربىي ئىشلاردا رازۋېدكا قىلىش ئۈچۈن قوللىنىلىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا دېڭىزنىڭ چوڭقۇرلۇقىنى ئۆلچەش ۋە بېلىق توپلىرىنى ئىزلەش ئىشلىرىدىمۇ قوللىنىلىدۇ.