Uyghur←Chineseئاساسىي لۇغەت
سولفىرىنو جېڭى
دۇنيا تارىخى
索尔菲里诺战役
suǒ ěr fēi lǐ nuò zhàn yì
فرانسيە بىلەن ساردىنىيە پادىشاھلىقىنىڭ ئاۋستىرىيىگەقاراتقان ئۇرۇشىدىكى ھەل قىلغۇچ جەڭنىڭ بىرى. 1859 - يىلى 6 - ئاينىڭ 4 - كۈنى ئاۋسترىيە قوشۇنى ماگېنتا جېڭىدە مەغلۇپ بولغاندىن كېيىن، مىنكيو دەرياسىغا قاراپ چېكىنگەن. 6 - ئاينىڭ 23 - كۈنى، ئاۋستىرىيە، بىرىنچى، ئىككىنچى جۈندىن تەخمىنەن 147 مىڭ ئەسكەر لومباردىيىدىكى گاردا دەرياسىنىڭ جەنۇبىي رايونىدا ھۇجۇم قوزغاپ، سولفىرىنو قاتارلىق جايلارنى ئىشغال قىلغان. فرانسىيە - ساردىن بىرلەشمە ئارمىيىسىدىن تەخمىنەن140 مىڭ ئەسكەر 24 - كۈنى ئەتىگەندە مىنچۇدەرياسى رايونىغا يۆتكەلگەن. يولدا دۈشمەن تەرەپ بىلەن ئۇچرىشىپ قېلىپ، ھەل قىلغۇچ جەڭ قىلغان. بىرلەشمە ئارمىيە سولفىرىنو رايونىدا ئاۋستىرىيە ئارمىيىسىنى يەڭگەن. شۇ كۈنى كەچتە ئاۋستىرىيە ئارمىيىسى چېكىنىشكە مەجبور بولغان، ئىككى تەرەپتىن ئون مىڭ كىشى تالاپەتكە ئۇچرىغان. كېيىن فرانسىيەئىتتىپاقداش دۆلەتتىن يوشۇرۇن ھالدا ئۆز ئالدىغا ئاۋستىرىيىگە ئۇرۇش توختىتىش تەكلىپىنى قويغان. 7 - ئاينىڭ 8 - كۈنى ئىككى دۆلەت ۋەكىللىرى ۋېنافېلاندا ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىنى ئىمزالىغان.