Uyghur←Chineseئاساسىي لۇغەت
سولچى سوتسىيالىستلار ئىنقىلابىي پارتىيىسىنىڭ توپىلىڭى
دۇنيا تارىخى
左派社会革命党叛乱
zuǒ pài shè huì gé mìng dǎng pàn luàn
1918 - يىلى 7 - ئايدا موسكۋادا يۈز بەرگەن ئەكىسئىنقىلابىي توپىلاڭ. ئۆكتەبر ئىنقىلابىدىن كېيىن، باي دېھقانلار مەنپەئىتىگە ۋەكىللىك قىلغۇچى <سولچى> سوتسىيالىستلار ئىنقىلابىي پاتىيىسى بولشېۋىكلارنىڭ ئاشلىقنى كونترول قىلىش قاتارلىق سىياسەتلىرىگە كۈنسېرى نارازى بولۇپ، سوۋېت ھاكىمىيىتىنى ئاغدۇرۇپ تاشلاش قەستىدە بولغان. 1918 - يىلى 7 - ئاينىڭ 6 - كۈنى،گېرمانىيەنىڭ موسكۋادا تۇرۇشلۇق ئەلچىسى مىربافنىڭ سۈيىقەستكە ئۇچراش ۋەقەسىنى پەيدا قىلىپ، گېرمانىيەنىڭ سوۋېت روسىيىسىگە ھۇجۇم قىلىشىنى قوزغىغان. شۇنىڭ بىلەن بىرگە توپىلاڭ كۆتۈرگەن، پۈتۈن روسىيە ئەكىسئىنقىلاپچىلىرىغا قارشى تۇرۇش كومىتېتىنىڭ رەئىسى دزېرژىنىسكى بىلەن موسكۋا سوۋېتىنىڭ رەئىسى سىمىدوۋىچنى تۇتقۇن قىلغان ھەمدە مەركىزىي تېلىگراف ئىدارىسى، بوكروۋىسكى ھەربىي لاگېرىنى ئىشغال قىلىپ، كېرىمىل سارىيىنى توپقا تۇتقان. پايتەختتىكى ئارمىيە ۋە خەلق لېنىن باشچىلىقىدىكى روسىيە كومپارتىيىسى (بولشېۋىكلار) مەركىزىي كومىتېتىنىڭ رەھبەرلىكىدە توپىلاڭنى تېزدىن بېسىقتۇرغان. 13 نەپەر باش جىنايەتچى ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنىپ ئېتىپ تاشلانغان.