Uyghur←Chineseئاساسىي لۇغەت
سول بۇرمىلىق
ئۇنىۋېرسال
左螺旋
zuǒ luó xuán
بىئولوگىيە
سول بۇرمىلىق DNA
DNA左旅
DNAzuǒlǚ
1979 - يىلى Rich قاتارلىقلار X _ نۇرى دىفراكسىيىسىدىن پايدىلىنىپ، ئېنىقلىق دەرىجىسى 0.9°A لىك سەۋيىسىدە سۈنئىي سىنتېزلانغان بىر بۆلەك DNA پارچىسى dCGCGCG ۋە پولى d(GC). d (GC) كرىستالىنى چۈشەندۈرگەندە، بىر خىل يېڭى تۈزۈلۈش يەنى سول قول بۇرمىلىقنى بايقىغان. بۇ خىل DNA دىكى فوسفات كىسلاتاسى - دې ئوكسى رىبوزىنىڭ يۆنىلىشى Z ھەرپى شەكلىدە بولىدۇ، شۇ سەۋەبتىن Z - DNA دەپ نام بېرىلگەن. ئۇنىڭ سىرتقى يۈزىدە B - DNA نىڭكىدەك چوڭقۇر ۋە تېيىز ئويمانلىق بولماستىن، پەقەت تېيىز ئويمانلىق بولىدۇ، ئىشقار رادىكاللىرى سىرتقا چىقىپ مولېكۇلىنىڭ سىرتىغا پولتىيىش بىلەن Z ھەرپى شەكىللىك بولۇپ، قوش بۇرمىلىق DNA مولېكۇلىسى تېخىمۇ ئىنچىكە ئۇزۇن بولىدۇ. Z - DNA مولېكۇلىسىدا 12 دانە نۇكلېئوتىدتىن تۈزۈلگەن بىر سول قول بۇرمىسى بولۇپ، بۇرما ئارىلىقى 44.6°A، دىئامېترى 18°A كېلىدۇ، پۇرۇنلار ئوڭ شەكلىدە، بولىدۇ. رىبوزىنىڭ C3 ى سىرتىغا قارىغان ھالەتتە تۇرىدۇ. مانا بۇلار B-DNA دىن كۆرۈنەرلىك پەرقلىنىدۇ. d(CG)n Rinh ئېرىتمىسىنڭ تۆۋەن قويۇقلۇقتىكى تۇزدىن يۇقىرى قويۇقلۇققا كۆتۈرۈلگەندە، DNA نىڭ تۈزۈلۈشى ئوڭ قول قوش بۇرمىلىقتىن سول قول قوش بۇرمىلىققا ئۆزگىرىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى. بۇ ئالاھىدىلىكى گېننىڭ تەڭشەپ باشقۇرۇش رولى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇشى مۇمكىن.