Uyghurئاساسىي لۇغەت
سوغدى
تۈركىي تىللار دىۋانى سۆزلۈكلىرى
سوغۇرت ئالدى؛ قۇرت ئالدى.
ئول قويدان قۇرت سوغدى _ ئۇ قوي (سۈتى) دىن قۇرت ئالدى ( سوغار _ سوغماق). بۇ سۆزنىڭ ئەسلى « سوغۇردى _ سوغۇرت ئالدى» دۇر.
2 - 19
دۇنيا تارىخى
ئوتتۇرا ئاسىيادىكى قەدىمكى دۆلەت. ئامو دەرياسى بىلەن سىر دەريا ۋادىسىدىكى ماۋرائۇننەھر ۋادىسى (يەنى سوغدىيانا رايونى، تاجىكىستان، ئۆزبىكىستان رېسپوبلىكلىرىنىڭ دائىرىسى ئىچىدە)غا جايلاشقان بولۇپ، ئاھالىسى ھىندىستان - ياۋرۇپا تىل سېستىمىسىنىڭ شەرقىي ئىران تىلى تىل تۈركۈمىنىڭ بىر تارمىقىغا كىرىدۇ، ئاساسەن دېھقانچىلىق ۋە چارۋىچىلىق بىلەن شۇغۇللانغان. تەخمىنەن مىلادىدىن ئىلگىرىكى Ⅵ ئەسىردىن مىلادىدىن ئىلگىرىكى Ⅴ ئەسىرگىچە سىنىپىي جەمئىيەت ۋە دۆلەت شەكىللىنىپ، ماراكاندا (ھازىرقى سەمەرقەند)نى پايتەخت قىلغان. مىلادى Ⅵ ئەسىرنىڭ ئاخىرقى مەزگىلىدە پېرسىيە ئىمپېرىيىسى تەرىپىدىن ئىستېلا قىلىنىپ، ئۇنىڭ زېمىنىغا قوشۇۋېتىلگەن. مىلادىدىن 329 يىل ئىلگىرى ماكېدونىيە شاھى ئالېكساندر (ئىسكەندەر زۇلقەرنەين)نىڭ قوشۇنى تاجاۋۇز قىلىپ، ماراكاندانى ئىشغال قىلغان، يەرلىك ئاھالە سپىتامېنېسنڭ رەھبەرلىكىدە قەيسەرلىك بىلەن زەربە بەرگەن. كېيىن سېلېئۇكىيە،باستېرىيە، كۇشان پادىشاھلىرىنىڭ ھۆكۈمرانلىقى ئاستىدا تۇرغان. سوغدىلار جۇڭگو بىلەن(خەن سۇلالىسىدىن كېيىن) زىچ ئىقتىسادىي ۋەمەدەنىي ئالاقىدە بولغان، جۇڭگونىڭ تارىخ كىتابلىرىدا ئۇنى كانجۇت (كانكىيە) دەپمۇ ئاتىغان.