Uyghurئاساسىي لۇغەت
سوگا جەمەتى
دۇنيا تارىخى
قەدىمكى ياپۇنىيىدىكى چوڭ تۆرە جەمەتى. رىۋايەت قىلىنىشچە ھىكادو تاكاموتونىڭ چەۋرىسى تاكىئوچى سۇكوننىڭ ئەۋلادى ئىكەن. <ئەئيان> دەپ ئاتالغان. يۇقىرى دەرىجىلىك ئاقسۆڭەك. ئوجېكا سۇلالىسى دەۋرىدە،سوگامىتسونو مالىيە ئىشلىرىنى باشقۇرۇپ كەلگەن.نوبۇگا دەۋرىدە، سوگا ئىنائو(؟ـ570)ۋەزىر بۇلۇپ، ئىككىنچى قىزىنى تېننو كىنمېيىغا ياتلىق قىلغان، ئۇنىڭدىن بولغان يومېي، سۇشۇن،سۇئىكودىن ئىبارەت ئۈچ پەرزەنتى تېننو بولغان. بۇ جەمەتتىكىلەر جوڭگو مەدىنيىتىنى پائال تۈردە قۇبۇل قىلىپ، بۇددىزمنى ياپونيىگە كىرگۈزۈشنى تەشەببۇس قىلغان. مىلادى 587-يىلى،سوگا ئۇماكو(؟ـ662)خان جەمەتى ۋە باشقا ئاقسۆڭەكلەر جەمەتى بىلەن بىلىشىپ، كونا رەقىبى مونونوبې مورىفوسانى مەغلۇپ قىلغان. 592-يىلى سۇشۇننى يوشۇرۇن ئۆلتۈرۈپ،ئورنىغا سۇئىكونى ئايال تېننو قىلىپ تىكلىگەن.ئىككىنچى يىلى شاھزادە شوتوكۇ نائىب بۇلۇپ، ھاكىميەت تۈزۈمىنى ئىسلاھ قىلغان. سۇگائاينو ئىتوگوچىمېنى تېننو قىلىپ تىكلىگەن.ئۇنىڭ ئوغلى ئىرۇكا ھاكىميەتنى ئۆز ئالدىغا تارتىۋالغان.643-يىلى شاھزادە ياماشىرو ماسارونى يوقىتىپ، زورلۇق زۇمبۇلۇق قىلىپ كەلگەن. 645-يىلى شاھزادە ناكائونى ناكاتومى كاماتارىي قاتارلىق كىشلەر بىلەن بىرلىشىپ، ئوردىدا سۇگائىرۇكانى ئۆلتۈرۈۋەتكەن. سوگا ئاينو ئۆزىنى كۆيدۈرۈپ ئۆلۈۋالغان. شۇنىڭ بىلەن بۇ جەمەت زور دەرىجىدە زەئىپلەشكەن. سوگا ئۇماكونىڭ شىرەم نەۋرىسى ئىسكاۋامارو(؟ـ649)ئىرۇكا بىلەن ئارازلىشىپ قېلىپ، تايكا ئىسلاھاتىدىن كىيىن ئوڭ قول ۋەزىر بۇلۇپ،ئۇزاق ئۆتمەي تۆھمەتكە ئۇچراپ ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋالغان. ئۇنىڭ ئىنىسى سوگائاكائى، پراجنا يارامىتا سۇلالىسىنىڭ سول قول ۋەزىرى بۇلۇپ، جىنشىن توپىلىڭى(672-يىل)دىن كىيىن پالاندى قىلىنغان. يەنە بىر ئىنىسى سوگاتسۇراكو كىيىن ئۆزىنى ئىسكاۋا جەمەتى دەپ ئاتىغان.