Uyghur←Chineseئاساسىي لۇغەت
سوفىستلار
ئۇنىۋېرسال
智者派
zhì zhě pài
دۇنيا تارىخى
智者派
zhì zhě pài
گرېكچە Sophistes، ئىنگىلىزچە Sophists، ئەسلى مەنىسى <ئەقىللىق كىشى> بولۇپ، دانىشمەنلەر ياكى سۇخەنچىلەر دەپمۇ تەرجىمە قىلىنغان. قەدىمكى يوناندىكى بىلىم بېرىشنى كەسىپ قىلغان بىر تۈركۈم ئوقۇتقۇچىلار ۋە پەيلاسوپلارنى كۆرسىتىدۇ. مىلادىدىن ئىلگىرىكى Ⅴ ئەسىرنىڭ ئوتتۇرلىرىدا ئەۋج ئېلىپ، مىلادىدىن ئىلگىرىكى Ⅳ ئەسىردە بارا - بارا زاۋاللىققا يۈزلەنگەن. سوفىستلار جايلاردا ئايلىنىپ يۈرۈپ، ئاساسەن مۇنازىرلىشىشى سەنئىتى، ئېتىكا، گرامماتىكا ۋە ستىلىستىكا قاتارلىقلارنى ئۆگىتىپ، سىياسىي پائالىيەت بىلەن شۇغۇللانماقچى بولغان ياشلارنى تەربىيلىگەن ۋە ئوقۇش پۇلى ئالغان (ئاتاقلىق سوفىستلارنىڭ ئوقۇش پۇلى ناھايىتى يۇقىرى بولغان). ئۇلار بىرلىككە كەلگەن ئىلمىي ئېىم ئەمەس، دەۋر ئېھتىياجىنى ئەكس ئەتتۈرگەن بىر خىل ئىجتىمائىي پىكىر ئېقىمى دېگىلىمۇ بولمايدۇ؛ ئەنئەنىۋى شەيئىلەرگە نىسبەتەن گۇمانلىشىش، ئىنكار قىلىشقا مايىل بولۇپ، مەلۇم بىرخىل مەنچىلىكىنى ئىپادىلىگەن. مەسىلەن: دەسلەپكى مەزگىلىدىكى ۋەكىلى پروتاگوراس ئوتتۇرىغا قويغان <ئادەم كائىناتنىڭ ئۆلچىمى>، گورگاس ئوتتۇرىغا قويغان شۈبھىچىلىكنىڭ ئۈچ قائىدىسى قاتارلىقلار. ئومۇمەن قىلىپ ئېيتقاندا، سوفىستلار ماددىي دۇنيانىڭ مەۋجۇتلۇقىنى ئېتىراپ قىلغان، ئەمما كۆپ ھاللاردا شەخسنىڭ سەزگۈسىنى شەيئىلەرگە ھۆكۈم قىلىشنىڭ ئۆلچىمى قىلغان، شۇنىڭ بىلەن ئوبيېكتىپ ھەقىقەتنى يوققا چىقىرىپ،سۇبيېكتىپچىلىق ۋە نىسپىيچىلىك يەكۈنى چىقىرىشقا يېتىپ بارغان. سىياسىي جەھەتتە بەزىىرى دېموكراتىك ھاكىمىيەت تۈزۈلمىسىگە مايىل بولغان، بەزىلىرى <كۈچلۈكلەر ئاجىزلارنى يېيىش> مەنتىقىسىنى ئاشكارا تەرغىپ قىلغان تراسماخوس <ئادالەت - كۈچلۈكلەرنىڭ مەنپەئىتى> دېگەن؛ كاللىكلېس <كۈچلۈكلەرنىڭ ئاجىزلارغا قارىغاندا كۆپ نەرسىگە ئېرىشىشى>نىڭ ئۆزى ئادالەتتۇر دېگەن ھەمدە قانۇن تۈزۈش ئاجىزلارنىڭ كۈچلۈكلەرنىڭ ئاجىزلارغا قارىغاندا كۆپ نەرسىگە ئېرىشىشى<نىڭ ئۆزى ئادالەتتۇر دېگەن ھەمدە قانۇن تۈزۈش ئاجىزلارنىڭ كۈچلۈكلەرنى چۈشەپ قويۇشتىكى بىر خىل ۋاستىسى، دەپ قارىغان؛ ئۇلار >زوراۋانلىق -ھەقىقەتتۇر<نى ئەڭ بالدۇر ئاقلاپ چىققان. ئەمما لىكوفرون قانۇن >ئادالەتكە كاپالەتلىك قىلىدىغان بىر خىل كېلىشىم< دېگەننى تەشەببۇس قىلغان، بۇ بەلكىم ئەڭ بالدۇرقى قانۇن كېلىشىم تەلىماتى بولۇشى مۇمكىن. بەزى سوفىستلار ئىلاھنىڭ مەۋجۇتلۇقىدىن گۇمانلانغان. بەزىلىرى ھەتتا قۇلدارلارنىڭ قۇللارغا ھۆكۈمرانلىق قىلىشى >تەبىئەتكە خىلاپ<، شۇڭا ئادىللىق ئەمەس، دەپ كېسىپ ئېيتقان. Sophistesدېگەن سۆزنىڭ دەسلەپتە سەلبىي مەنىسى بولمىغان، ئۇلارنىڭ ئەنئەنىۋى شەيئىلەرنى تەنقىد قىلىشى شەھەر دۆلەتلىرىنىڭ تەرتىپىنى ساقلاشقا پايدىسىز بولغانلىقى ئۈچۈن، پلاتون ۋە ئارىستوتىل قاتارلىقلارنىڭ قارشى چىقىشىغا سەۋەبچى بولۇپ، ئۇلار بەزى سوفىستلارنى >بىلىم سودىگەرلىرى< چىرايلىق گەپلەر بىلەن مۇنازىرىلىشىشكە ماھىر بولسىمۇ، ھەقىقەت بىلەن كارى بولمايدۇ دەپ سۆككەن. شۇڭا بۇ سۆز كېيىن >سۆز يورغىلاتقۇچىلار< غا ئۆزگۈرىپ كەتكەن. سوفىستلار پىكىر ئېقىمىنىڭ ئەقلىيىچىلىك تەرىپىمۇ بار، ئۇلار ئەنئەنىۋى نوپۇزغا يۆلەنمىگەن، بەلكى بارلىق ئىجتىمائىي ھادىسىلەر، جۈملىدىن ئەخلاقنىڭمۇ مەۋجۈت بولۇشىنىڭ مۇۋاپىقلىقىنى ئۆزى ئىسپاتلىشىنى تەلەپ قىلغان. ئۇلار غەربنىڭ ئىجتىمائىي پەن تەتقىقاتىدىكى پېشۋالار دەپ قارىلىدىكەن.