دائىرە: بوتانىكالويلا ئائىلىسىدىكى چاتقال ياكى كىچىك دەرەخ. يوپۇرمىقى تەڭگە شەكلىدە، گۈلى كىچىك ۋە باشاقسىمان گۈل رېتىدە، مېۋىسى شار شەكلىدە بولىدۇ. قۇرغاقچىلىققا چىداملىق. شىنجاڭ ۋە ئىچكى موڭغۇلنىڭ غەربىدىكى قۇملۇق رايونلاردا ئۆسىدۇ. ئۇنىڭ قۇمنى تۇراقلاشتۇرۇش رولى بولۇپ، قۇملۇقلاردا ئورمان بىنا قىلىشتىكى مۇھىم ئۆسۈملۈكلەردىن بىرى ھېسابلىنىدۇ.