Uyghurئاساسىي لۇغەت
سۆيۈملۈك
مەنىداش سۆزلۈكلەر
ئادەم ھەققىدە گەپ - سۆزى، ئىش - ھەرىكىتى سىلىق، مۇئامىلىسى ياخشى.
ئۇ - ئوماق بالا. يېقىملىق سۆز تاشنى يارار. ئەلتەك ھەممىنى خۇش قىلىدۇ. مۇلايىم مۈشۈكنى چاشقان تۇتقاندا كۆر. مۇنايىم جاۋاب غەزەبنى باسار. مېھرىنىسا مېھرى ئىسسىق قىز ئىكەن. ئادەم گۈزەل بولغىنى ئۈچۈن سۆيۈملۈك ئەمەس، سۆيۈملۈك بولغىنى ئۈچۈن گۈزۈل. ئالەمدە ئەخلاقلىق ئايالدىن سۆيۈملۈك نەرسە يوق.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
سۈپ. كىشى ياخشى كۆرىدىغان، ئىززەت - ھۆرمەتكە لايىق، قەدىرلىك، ئەزىز.
سۆيۈملۈك بۇرادەر. سۆيۈملۈك ئۇستاز. سۆيۈملۈك ۋەتەن.
ئى. سۆيگەن يار.
- سۆيۈملۈكۈم، بىر ئاز ياخشى بولۇپ قالدىڭىزمۇ؟