Uyghur←Chineseئاساسىي لۇغەت
سۆڭەكلىشىش
بىئولوگىيە
骨化
gǔhuà
<ئوسسىفىكاتسىيە> دەپمۇ ئاتىلىدۇ. ئۇ سۆڭەك توقۇلمىسىنىڭ شەكىللىنىش جەريانىنى كۆرسىتىدۇ. ھايۋانلار تۆرەلمە مەزگىلىدە ئارىلىق توقۇلما ياكى كۆمۈرچەك توقۇلمىسىنىڭ ھۈجەيرە ئارىلىق ماددىسىغا تەدرىجىي ھالدا كالتسىي تۇزلىرى تولۇقلىنىپ بۇ خىل توقۇلمىلارنى تەدرىجىي ھالدا قاتتىقلاشتۇرىدۇ ھەمدە بەلگىلىك تۈزۈلۈشنى ساقلاپ قالىدۇ. نەتىجىدە ئەڭ ئاخىرىدا سۆڭەك توقۇلمىسىنى شەكىللەندۈرىدۇ. سۆڭەكلىشىش جەريانىنى ئىككى خىلغا بۆلۈشكە بولىدۇ؛ بىر خىلىنىڭ سۆڭەكلىشىشى ئارىلىق توقۇلمىدا ئېلىپ بېرىلىپ <پەردە ئىچىدە سۆڭەكلىشىش> دېيىلىدۇ. يەنە بىر خىلى كۆمۈرچەك توقۇلمىدا ئېلىپ بېرىكلىپ <كۆمۈرچەكتە سۆڭەكلىشىش> دېيىلىدۇ.
خىمىيە,تېببىي,تەنتەربىيە
骨化
gǔ huà