Uyghurئاساسىي لۇغەت
سوبۇل
دۇنيا تارىخى
(1914 - 1982) فرانسيىلىك تارىخشۇناس. دېھقان ئائىلىسىدىن چىققان. 1936 - يىلى پارىژ داشۆسىنى پۈتتۈرگەن، 1939 - يىلى فرانسيە كومپارتىيىسىگە كىرگەن. ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە قارشىلىق كۆرسىتىش ھەرىكىتىگە ئاكتىپ قاتناشقان. 1945 - يىلدىن كېيىن پارىژ قاتارلىق جايلاردائوقۇتقۇچى بولغان. پۈتۈن كۈچىنى فرانسىيە بۈيۈك ئىنقىلابىي تارىخىنى تەتقىق قىلىشقا بېغىشلىغان ھەم شۆھرەت قازانغان. 1959 - يىلىدىن تارتىپ <روبېسپىر تەتقىقات ئىلمىي جەمئىيىتى>نىڭ باش كاتىپى بولغان، شۇنداقلا<فرانسىيە ئىنقىلابىي تارىخى مەجمۇئەسى> نىڭ تەھرىر ھەيئەت ئەزاسى بولغان. 1967 - يىلىدىن باشلاپ پارىژ داشۆسىدە فرانسىيە بۈيۈك ئىنقىلابىي تارىخى توغرىسىدىكى لېكسىيىگەرىياسەتچىلىك قىلغان ھەمدە بۇ مەكتەپنىڭ فرانسىيە بۈيۈك ئىنقىلابى تەتقىقات ئورنىنىڭ باشلىقى بولغان. 1981 - يىلى جۇڭگوغا كېلىپ لېكسىيە بەرگەن. ئۇنىڭ ئاساسىي ئەسەرلىرى: <فرانسىيە ئىنقىلابى، (1789 - 1799 ) خەنزۇچە تەرجىمىسى بار>، <فرانسىيە ئىنقىلابى تارىخى>، <دېھقانلار، تىزلاپچىسىزلار ۋە ياكوبىنچىلار>. باشقىلار بىلەن بىرلىشىپ يازغان ئەسەرلىرىدىن <پارىژدىكى تىزلاپچىسىزلار، 1793 - 1794 - يىللاردىكى خەلق ھەرىكىتىگە ئائىت تارىخىي ماتىرىياللار> قاتارلىقلار بار.