Uyghur←Chineseئاساسىي لۇغەت
سېن رىكيۇ
دائىرە: دۇنيا تارىخى千利休
qiān lì xiū
(1522 - 1591) ياپونىيە ئازۇچى موموياما دەۋرىدىكى چايچى، ياپون چايچىلىرىنىڭ پىرى. ئوفۇساكايدىكى باي سودىگەر ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. ئەسلى ئىسمى تاناكايوشرو، كېيىىن ئىسمىنى ئۆزگەرتكەن. تەخەللۇسى زاھىت رىكيو. چاي دەملەشنى تاكىنوشاۋئاۋ (1502 - 1555) دىن ئۆگەنگەن. دادې ئىبادەتخانىسىغا بېرىپ ئېتىكاپتا ئولتۇرغان. ئىلگىرى ئوتانوبۇئاگانى چاي بىلەن كۈتۈۋالغان. يەنە تويۇتا خىدېكىچىنىڭ ئەتىۋارلاپ ئىشلىتىشىگە مۇيەسسەر بولغان، بۇيرۇققا بىنائەن چاي يىغىنىغا رىياسەتچىلىك قىلغان. ئۇ ئىجاد قىلغان يەرلىك چايخانا بىر مەھەل ئومۇملىشىپ كەتكەن. 1590 - يىلى (تيەنجىڭ 18 - يىلى) تويۇتا خىدېكىچىنىڭ چىشىغا تىگىپ قويغانلىقتىن ئىككىنچى يىلى ئۆزىنى ئۆلتۈرۋالغان. ئۇنىڭ شاگىرتلىرى بياۋچيەنجا، لىچيەنجا (چايچىلارنىڭ ئومۇمىي نامى) قاتارلىق ئېقىملارغا بۆلۈنۈپ، تا ھازىرغىچە تارقىلىپ كەلمەكتە.
بۇ خەت ھەققىدە
بۇ ئۇيغۇرچە–خەنزۇچە لۇغەت خېتى.
بۇ تەرجىمە Lughet توپلىمىدىكى ئاساسىي لۇغەت دىن ئېلىندى.
بۇ سۆز Lughet توپلىمىدىكى باشقا مەنبەلەردىمۇ ئۇچرايدۇ — تۆۋەندىكى تىزىملىكنى كۆرۈڭ.