—مەنبە
سەنەمجاننىڭ غېرىپنى ئىزلىشى
دائىرە: ئەپسانىلارداستانچى روزى مەھەممەت خاتىرىلىگەن «غېرىپ - سەنەم» داستانىغا ئاساسەن رەتلەندى.
سەنەمنىڭ ئاتىسى شاھ ئابباسخاننىڭ زۇلىمى تۈپەيلىدىن، غېرىپ يۇرتى دىيار بەكرىنى تاشلاپ ئۇزاق يوللارنى بېسىپ، ئاخىرى بۇغراخاننىڭ پايتەختىگە بېرىپ قاپتۇ ۋە بۇغراخاننىڭ خورلۇقىغا ئېرىشىپتۇ. غېرىپنىڭ ئىشقى - پىراقىدا كۆيۈپ، مۇھەببەت دىشۋارچىلىقىدا ئازاپ چەككەن سەنەم، سۆيگەن ۋاپادارىنى ئىزلەپ پۈتۈن جاھاننى كېزىپ، «ئوردۇ كەنت» كە يېتىپ كەپتۇ. ئۇ سۇلتان سۇتۇق بۇغراخاننىڭ ھوزۇرىغا بېرىپ، مۇھەببەت يولىدا دادىسىدىن تارتقان ئازاپ _ كۈلپەتلەرنى بايان قىلىپ ئەرز ئېيتىپتۇ. بۇغراخان بۇ ساداقەتمەن ئاشىق - مەشۇقلارغا ھېسداشلىق قىلىپ، سەنەمجانغا غېرىپنى تېپىپ بېرىپتۇ ھەمدە خانلىق سەلتەنىتى بىلەن ئۆزىنىڭ قول ئاستىدىكى شاھى ئابباسخانغا «نامە» يېزىپ، غېرىپ ۋە سەنەمگە زولۇم سالماسلىق ھەققىدە بۇيرۇق چۈشۈرۈپتۇ.
بۇ خەت ھەققىدە
بۇ xx–xx لۇغەت خېتى.
بۇ تەرجىمە Lughet توپلىمىدىكى مەنبە دىن ئېلىندى.