Uyghur←Chineseئاساسىي لۇغەت
سېنكىيېۋىچ
دائىرە: دۇنيا تارىخى显克微支
xiǎn kè wēi zhī
(1846 - 1916) پولشالىق يازغۇچى. ئاقسۆڭەك ئائىلىسىدىن كېلىپ چىققان. ۋارشاۋا داشۆسىنى پۈتتۈرگەن. گېزىت - ژورناللارنىڭ تەھرىرلىك خىزمىتىنى ئىشلىگەن. 1876 - 1878 - يىللىرى ئامېرىكىنى ساياھەت قىلغان. دۆلىتىگە قايتاشىدا ئىتالىيە بىلەن فرانسىيىگە بارغان، ئامېرىكا بۇرژۇئازىيىسىنىڭ <دېموكراتىيە> سىنى ھەم پولشا مۇساپىرلىرىنىڭ ئېچىنىشلىق ئەھۋالىنى چۈشەنگەن. بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىللىرى پولشانىڭ مۇستەقىللىكى ۋە خەلقئارا كرېست تەشكىلاتى ئۈچۈن پائال خىزمەت قىلغان. ئاساسلىق ئەسەرلىرىدىن <ئوت ۋە قىلىچ>، <شىددەتلىك كەلكۈن>، <ۋوئودىيۇۋىسكى ئەپەندى>، <سەپەر قايان> ۋە <ئەھلىسەلىپ رىتسارلىرى> قاتارلىقلار بار. 1905 - يىلى نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن.
بۇ خەت ھەققىدە
بۇ ئۇيغۇرچە–خەنزۇچە لۇغەت خېتى.
بۇ تەرجىمە Lughet توپلىمىدىكى ئاساسىي لۇغەت دىن ئېلىندى.
بۇ سۆز Lughet توپلىمىدىكى باشقا مەنبەلەردىمۇ ئۇچرايدۇ — تۆۋەندىكى تىزىملىكنى كۆرۈڭ.