Uyghur←Chineseئاساسىي لۇغەت
سېنېگامبىئانلار
دائىرە: دۇنيادىكى مىللەتلەر塞内冈比亚人
sāi nèi gāng bǐ yà rén
سېنېگامبىئانلار غەربىي ئافرىقىدا ياشىغۇچى مىللەتلەر گۇرۇھىنىڭ بىرى بولۇپ، ئاساسەن داكاردىن تارتىپ فرىتوۋەن قىرغاقلىرىغا قەدەر بولغان جايلار ۋە ئىچكى قورۇقلۇق رايونىدا ئولتۇراقلاشقان.
سېنېگامبىئانلار سېنېگال، گامبىيە، گۋىنىيە - بىسسائۇ، گۋىنىيە ۋە سېررالىئون قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ ئاساسلىق ئاھالىلىرى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. نوپۇسى تەخمىنەن 20 مىليون 670 مىڭ.
سېنېگامبىئانلار نېگىر ئىرقىنىڭ سۇدان تىپىغا كىرىدۇ، سېنېگامبىئانلار فۇلبې، ۋولوف، كىسسى، سېرى، بالانتې، تۇئارىگ ۋە دوئولا قاتارلىق مىللەت ياكى قەبىلە - قوۋملارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. سېنېگامبىئانلار نېگىر - كوردوفان تىللىرى سىستېمسى نېگىر - كونگو تىللىرى گۇرۇپپىسىغا تەۋە كۆپ خىل تىللارنى قوللىنىدۇ.
سېنېگامبىئانلار ئاساسەن دېھقانچىلىق قوشۇمچە چارۋىچىلىق ۋە بېلىقچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىدۇ.
سېنېگامبىئانلارغا تەۋە مىللەتلەرنىڭ مەدەنىيەت، تۇرمۇش ئۆرپ - ئادەتلىرى ئانچە ئوخشىشىپ كەتمەيدۇ.
بۇ خەت ھەققىدە
بۇ ئۇيغۇرچە–خەنزۇچە لۇغەت خېتى.
بۇ تەرجىمە Lughet توپلىمىدىكى ئاساسىي لۇغەت دىن ئېلىندى.
بۇ سۆز Lughet توپلىمىدىكى باشقا مەنبەلەردىمۇ ئۇچرايدۇ — تۆۋەندىكى تىزىملىكنى كۆرۈڭ.