Uyghur←Chineseئاساسىي لۇغەت
سىناپس
دائىرە: بىئولوگىيە突触
tūchù
<ھۈجەيرە ئۆسۈكچىلىرى تېگىشمىسى> دەپمۇ ئاتىلىدۇ. نېرۋا ھۈجەيرىلىرى ئوتتۇرىسىدىكى ياكى نېرۋا ھۈجەيرىلىرى بىلەن باشقا ھۈجەيرىلەر ئارىسىدىكى ئالاقىنىڭ ئۇلىنىش نۇقتىسى سىناپس دەپ ئاتىلىدۇ. سىناپس ئۆزئارا قوشنا ھۈجەيرىلەر ئارىسىدىكى ئۈزۈك رايون بولۇپ، ھۈجەيرىلەر ئارىسىدا ئىنفورماتسىيە يەتكۈزىدىغان ئالاھىدە تۈزۈلۈش ھېسابلىنىدۇ. بۇ تۈزۈلۈش ئارقىلىق ئالدىنقى بىر دەرىجىلىك نېرۋا ھۈجەيرىسىنىڭ چىقارغان ئىمپۇلسنى كېيىنكى بىر دەرىجىلىك ھۈجەيرىگە ياكى ئېففېكتور ھۈجەيرىسىگە يەتكۈزۈپ ئۇلارنى قوزغىتىشقا ياكى تورمۇزلاشقا بولىدۇ. بەدەندىكى ھەر خىل ئىنفورماتسىيىلەرنىڭ يەتكۈزۈلۈشى ھەمدە ئورگانىزم بىلەن سىرتقى مۇھىتنىڭ بىرلىكىنى تەڭشەشتە ئىنتايىن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. سىناپسنىك ئېلېكترلىك سىناپس ۋە خىمىيىلىك سىناپستىن ئىبارەت ئىككى خىل تىپى بولۇپ، ئالدىنقىسىنىڭ تۆۋەن ئېلېكتر قارشىلىقلىق ئۇلىنىش نۇقتىسى بولغانلىقى ئۈچۈن ئېلېكتر ئېقىمى بىر ھۈجەيرىدىن يەنە بىر ھۈجەيرىگە بىۋاسىتە ئېقىپ ئۆتەلەيدۇ؛ كېيىنكىسىدە نېرۋا ئاخىرقى ئۇچلىرى قويۇپ بەرگەن ئاتسېتىل خولىن ۋە نورئادرېنالىنغا ئوخشاش خىمىيىلىك ترانسمىتتېرغا تايىنىپ سىناپس كېيىنكى پەردىسىنى غىدىقلاپ ئۇنىڭ ئۆتكۈزۈشچانلىقىدا ئۆزگىرىش پەيدا قىلىش ئارقىلىق ئىنفورماتسىيىنىڭ يەتكۈزۈلۈشىنى ئەمەلگە ئاشۇرىدۇ. شۇڭا خىمىيىلىك سىناپس يەككە يۆنىلىشلىك توشۇش خاراكتېرىگە ئىگە. يۇقىرى دەرىجىلىك ھايۋانلارنىڭ نېرۋا سىستېمىسى ئاساسەن خىمىيىلىك سىناپس ئارقىلىق ئۇچۇر يەتكۈزىدۇ.
دائىرە: بىئولوگىيە联会
liánhuì
سان كېمەيتىپ بۆلۈنۈشنىڭ ئالدىنقى دەۋرى Ⅰ دىكى قوش يىپلىق مەزگىلىدە باشلىنىدىغان، ئوخشاش مەنبەلىك خروموسوملارنىڭ ئىككى - ئىككىدىن جۈپ تۈزۈپ، ئۇزۇنغا باغلىنىدىغان ھادىسە. سىنپاپس توم يىپلىق مەزگىلىگە كەلگەندە تاماملىنىدۇ. ئېلېكترونلۇق مىكروسكوپتا كۆزەتكەندە جۈپ تۈزگەن ئوخشاش مەنبەلىك ئىككى دانە خروموسوما قوشۇلۇپ بىر گەۋدە بولۇپ كەتمەستىن، بەلكى ئۆز ئارا 0.2 ~ 0.15 مىكرون ئارىلىقتا تۇرىدۇ، ئۇلارنىڭ ئارىلىقىدىكى سىناپس كومپلېكس تەنچىسى ئۇلارنى تۇتاشتۇرۇپ تۇرىدۇ. جۈپ تۈزۈش جەريانىدا ئىككى ۋالېنتلىق تەنچىدىكى غەيرىي ئاچا - سىڭىل خروماتىدلار ئارىسىدا ئىرسىيەت ماددىسى قىسمەن ئالمىشىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا بۇ باسقۇچتا يەنە ئاز مىقداردا DNA سىنتېزلىنىدۇ. قوش يىپلىق مەزگىلىگە كەلگەندە سىناپس كومپلېكس تەنچىسى ئېرىشكە باشلايدۇ، جۈپ تۈزگەن ئوخشاش مەنبەلىك خروموسوملار ئۆز ئارا قىسمەن ئايرىلىدۇ.
دائىرە: ئۇنىۋېرسال突触
tū chù
بۇ خەت ھەققىدە
بۇ ئۇيغۇرچە–خەنزۇچە لۇغەت خېتى.
بۇ تەرجىمە Lughet توپلىمىدىكى ئاساسىي لۇغەت دىن ئېلىندى.
بۇ سۆز Lughet توپلىمىدىكى باشقا مەنبەلەردىمۇ ئۇچرايدۇ — تۆۋەندىكى تىزىملىكنى كۆرۈڭ.