Uyghur←Chineseئاساسىي لۇغەت
سمېتانا
دائىرە: ئىستېتىكاسمېتانا (چېخلىق)
斯美塔那(Smetana,1824—1884,捷克人)
sī měi tǎ nà (Smetana,1824—1884,jié kè rén )
دائىرە: دۇنيا تارىخى斯美塔那
sī měi tǎ nà
(1824 - 1884). چېخ كومپوزىتورى، يېقىنقى زامان چېخ مىللىي مۇزىكىسى ئېقىمىنىڭ ئاساس سالغۇچىسى. كىچىك ۋاقتىدا رويال ۋە ئىسكىرىپكا چېلىشنى ئۆگەنگەن. 1848 - يىلى ئىنقىلابى مەزگىلدە، ناخشا<ئەركىنلىك ناخشىسى>، رويال مۇزىكىسى <پراگا ستۇدېنتلىرى قوشۇنىنىڭ مارشى>، <مىللىي مۇھاپىزەت قوشۇنىنىڭ مارشى> قاتارلىقلارنى يېزىپ، مىللىي مۇستەقىللىك ھەرىكىتىگە ئاۋاز قوشقان. شۇ يىلى 8 - ئايدا پراگا مۇزىكا مەكتىپىنى قۇرغان. ئۇ ئىجادىيەت، دېرىژورلۇق قىلىش، ئوقۇتۇش، ئوبزور يېزىش مۇزىكائولتۇرۇشىنى ئۇيۇشتۇرۇش قاتارلىق پائالىيەتلەر بىلەن شۇغۇللىنىپ، چېخ مىللىي مۇزىكىسىنىڭ تەرەققىي قىلىشىدا غايەت زور رول ئوينىغان. سەككىز ئوپېرائىجاد قىلغان، ئۇلارنىڭ ئىچىدە <سېتىلغان يېڭى كېلىن>، <براندېنبۇرگلىقلار چېخىيىدە>، <دارپو>، <رىبوش>لارچېخ مىللىي ئوپېرالىرنىڭ ئەڭ دەسلەپكى ۋەكىللىك خاراكتىرىگە ئىگە ئەسەرلىرى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. يەنە سىمفونىيىلىك ناخشا مۇزىكىسى <ۋەتىنىم>، تارلىق چالغۇ ئەسۋابلىرى تەڭكەش قىلىنغان مۇزىكا <مېنىڭ تۇرمۇشۇم> ۋە رويال مۇزىكا توپلىمى <پوركا> قاتارلىقلارمۇ بار.
بۇ خەت ھەققىدە
بۇ ئۇيغۇرچە–خەنزۇچە لۇغەت خېتى.
بۇ تەرجىمە Lughet توپلىمىدىكى ئاساسىي لۇغەت دىن ئېلىندى.
بۇ سۆز Lughet توپلىمىدىكى باشقا مەنبەلەردىمۇ ئۇچرايدۇ — تۆۋەندىكى تىزىملىكنى كۆرۈڭ.