Uyghurئاساسىي لۇغەت
سىمىس كونالى قانۇنى
دۇنيا تارىخى
<ئۇرۇش ۋاقتى ئەمگەك ۋاقتى ماجىراسى قانۇنى>. 1943 - يىل 6 - ئاينىڭ 25 - كۈنى ئامېرىكاپارلامېنتى زۇڭتۇڭنىڭ رەت قىلىشىنى رەت قىلىىپ، يەنە بىر قېتىم بۇ قانۇننى ماقۇللىغان. بۇ قانۇندا ئومۇمەن ئىش تاشلاش ئۇيۇشتۇرماقچى بولغانلار ئىشتىن ئىلگىرى ھۆكۈمەتكە ئۇقتۇرۇپ قويۇشى، ئۇنىڭ كېيىن ئۇرۇش ۋاقتى ئەمگەك ئىشلىرىنى باشقۇرۇش ئىدارىسى ئوتتۇرغا چىقىپ ئەپلەشتۈرۈپ قويۇشى لازىم. 30 كۈن ئىچىدە ياراشتۇرۇش نەتىجىگە ئېرىشمىسە، ئاندىن ئىش تاشلاش - تاشلىماسلىقنى ئىشچىلارنىڭ ئاۋازغا قويۇشى ئارقىلىق بەلگىلەش لازىم. يەنە شۇنىڭدەك زۇڭتۇڭ زۆرۈر تېپىلغاندائۇرۇش لازىمەتلىكلىرى ئىشلەپ چىقىرىدىغان ھەرقانداق زاۋۇتنى ئۆتكۈزۈۋېلىش ھوقۇقىغا ئىگە، دەپ بەلگىلەنگەن. قانۇن لايىھىسىدە ئومۇمەن ئىش تاشلاشقا <قۇتراتقۇلۇق قىلىش> قاتارلىق ئۇسۇللار بىلەن ئۇرۇش ۋاقتىدىكى ئىشلەپچىقرىشقا توسقۇنلۇق قىلغۇچىلارغا قاماق جازاسى بېرىلىدۇ ياكى جەرىمانە قويۇلىدۇ، دەپ بەلگىلەنگەن.